خىتاي ئارمىيەسى ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتىپ ئامېرىكا پاراخوتىنى قوغلىغانلىقىنى بىلدۈردى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 22-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئارمىيەسى باياناتچىسى تيەن جۇنلى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتىپ، ئامېرىكىنىڭ (John S.McCain قوغلىغۇچى پاراخوتىنى نەنشا تاقىم ئارىلىدىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ(John S. McCain) ناملىق ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ نەنشا تاقىم ئارىلىغا يېقىن دېڭىز رايونىغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىپ، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي باياناتچىسى بۇ خەۋەرنى ئۈندىدار ھېساباتىدا تارقاتقان بولۇپ، باياناتتا: «خىتاي قوشۇنلىرى دائىم يۇقىرى ھوشيارلىقنى ساقلايدۇ ۋە ۋەزىپىسىنى قەتئىي ئادا قىلىدۇ. دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايدۇ» دەپ پوپوزا قىلغان بولسىمۇ، 23 - دېكابىر ئامېرىكا ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ قوغلىغۇچى پاراخوتى «John S. McCain » نىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان، بىراق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ خىتاي ئارمىيەسى تەرىپىدىن دېڭىز ۋە ھاۋادىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى تىلغا ئالمايلا قالماستىن بەلكى جەنۇبىي دېڭىزدا ئەركىن يۈرۈش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 1123 قېتىم كۆرۈلدى
23/12/2020 15:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق