خىتاي ئامېرىكىغا قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرلۈشىچە، ئامېرىكا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن يولغا قويغان ۋىزا چەكلىمىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى، خىتاي بولسا بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشقا قەسەم قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن ئامېرىكىنىڭ 22-دېكابىردىكى ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ يەنىلا بۇرۇنقى سەپسەتىسىنى سېتىپ: «تىبەت، تەيۋەن، خوڭكوڭ قاتارلىق مەسىلىلەر خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بۇلار پۈتۈنلەي خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرى، ھېچقانداق تاشقى كۈچنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. خىتاي ئامېرىكىنى خاتالىقىنى تۈزىتىپ، ۋىزا چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ» دەپ بىلجىرلىدى.
ۋاڭ ۋېنبىن باياناتىدا يەنە، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قويغان چەكلىمە تەدبىرىنىڭ كىم ۋە قانچىلىك كىشىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتمىغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرى پامپېييو دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى، بۇ چەكلىمىنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ ئامېرىكىغا بارىدىغان B1 / B2 ۋىزىسىنىڭ 10 يىللىق كۈچكە ئىگە مۇددىتىنىڭ بىر ئايغا قىسقارتىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 1167 قېتىم كۆرۈلدى
23/12/2020 16:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق