خىتاي-ھىندىستان سۆھبىتىدە ئىختىلاپ كۈچىيىپ ئۇرۇش تەييارلىقى باشلاندى

خوڭكوڭ خەۋەرلىرى تورىنىڭ 22- دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي-ھىندىستان سۆھبىتىدە ئىختىلاپ كۈچىيىپ، ئۇرۇش تەييارلىق ھالىتى كۈچەيگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 12-ئاينىڭ 18-كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چېگرا ۋە دېڭىز ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خوڭ لياڭ ۋە ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەرقىي ئاسىيا بىرلەشمىسىنىڭ كاتىپى ناۋىن سرىۋاستاۋا Naveen Srivastava)تور سۆھبتىدە بولدى. سۆھبەت خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ گالۋان ۋادىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئالتىنچى قېتىملىق دىپلوماتىك ئۇچرىشىشى بولۇپ، 30-سېنتەبىردىن بۇيانقى ئەڭ يېڭى ئۇچرىشىشى ئىكەن. بۇ سۆھبەتتە ئىككى تەرپنىڭ ھەل قىلىش تەدبىرلىرىدە روشەن پەرق كۆرۈلگەن.

بىلدۈرۈلىشىچە، لاداخ رايونى كارگىل ۋە لېخنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، كارگىل پاكىستانغا يېقىن، لېخ رايونى خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش سەۋەبىدىن بىر قانچە ئايدىن بىرى قىزىپ كەتكەن. بۇ رايون ئىلگىرى چەكلىك مەبلەغ سالغان ھىندىستان ئارمىيەسى ئۈچۈن رىقابەت شەكىللەندۈرگەن. سۆھبەتتە ئىختىلاپ كۆرۈلگەندىن كېيىن، ھىندىستان ئارمىيەسى 2021-يىلى لاداخ رايونىدىكى 19 ئورۇنغا قوش قوللىنىشچان تىك ئۇچار ئايرودرومى قۇرۇشنى پىلانلىغان. ھىندىستان ئارمىيەسى قاتتىق قار يېغىشتىن ئىلگىرى لاداختىكى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتقان. ھىندىستان ئارمىيەسى ئالدىنقى سەپتە ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقان پەيتتە، ھىندىستان ئارمىيە قۇرۇلۇش ئەتىرىتى چېگرا ۋە يول باشقۇرۇش قىسىملىرى لاداخنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى يوللارنى رېمونت قىلغان. ھىندىستان قاراقۇرۇم تېغى ۋادىسىدىكى كۆپ لىنىيەلىك جەڭ مەيدانى يولىنى قېزىشقا باشلىغان. مودى ھۆكۈمىتى ھىندىستان ئارمىيەسىگە تەييارلىق سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ھىماچال پرادېشتىكى دارچادىن لاداختىكى نىمۇغا بارىدىغان يولنىڭ پادۇمغا توتاشتۇرلۇشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، ھىندىستان تەرەپ لېخ قاتارلىق جايلاردىكى ياخشى ھاۋارايىدىن پايدىلىنىپ ئۈسكۈنە، يۈك-تاق ۋە داۋالاش بۇيۇملىرى قاتارلىق ئىستراتېگىيىلىك ماتېرىياللارنىڭ چېگرا رايونىغا توشۇلۇشىنى كۈچەيتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ تەييارلىقى سېنتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ كۆرۈنەرلىك بولغان. ئاۋغۇستنىڭ بېشىدا ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر 17-گۇرۇپپا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى تاغلىق رايوندا زەربە بېرىش ئەترىتىنى مەخپىي ئورۇنلاشتۇرغاندىن باشقا، ھىندىستان ئارمىيەسى ھىندىستان-پاكىستان چېگراسى ئالدىنقى سېپىدىكى كۈچ نىسبىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرغان. سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 7-ئايدىن 9-ئايغىچە ھىندىستان شىمالىي قوماندانلىق ئورگىنى ئالدى بىلەن ئامېرىكىدىن 30 مىڭ يۈرۈش سوغۇققا قارشى تۇرۇش ئۈسكۈنىسىنى زاكاز قىلغان. ئۇ يەردە تۇرۇشلۇق 14-ئارمىيە تۈركۈملەپ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، دالا ماشىنىسى، زامانىۋى قورال ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان.

بۇ خەۋەر 1077 قېتىم كۆرۈلدى
23/12/2020 19:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق