تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن قازا قىلغانلار 251 گە يەتتى

22 - دېكابىر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 19256 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى دەپ گۇمان قىلىنغان 192 مىڭ 316 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 19256 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 3309 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 251 كىشى قازا قىلىپ، 32110 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

نۆۋەتتە تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى باشلانغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي بىر مىليون 866 مىڭ 815 گە، قازا قىلغانلار 18602 گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 5008 گە يەتكەن.

فاھرەتتىن كوجا يەنە نورمال يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن كېسىلى ئېغىر بىمارلارنىڭ ئازايغانلىقىنى، دوختۇرخانىلارنىڭ يۈكىنىڭ يەڭگىللەۋاتقانلىقىنى، لېكىن ئائىلىلەر ئارا كۆرۈشۈشنىڭ ئېغىرلاپ كەتكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە يەردە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىگە رىئايە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 923 قېتىم كۆرۈلدى
23/12/2020 19:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق