خىتاينىڭ بەش ئۇنىۋېرسىتېتى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

فرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ 5 ئۇنىۋېرسىتېت ۋە يەتتە دۆلەت مۇداپىئەسى سانائەت تەتقىقات ئورۇنلىرىنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ بەش ئۇنىۋېرسىتېتى، يەتتە مۇداپىئە سانائەت ئورۇنلىرىنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. خىتاينىڭ مەزكۇر ئورگانلىرى ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن مەھسۇلات ئىمپورت قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى كېرەك بولىدۇ. بۇ تەدبىر خىتاينى تېخنىكىلىق قامال قىلىش بولۇپ، خىتاينىڭ ۋاسىتىلىك يوللار بىلەن سەزگۈر يۇقىرى تېخنىكىلارغا ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكىنى چەكلەيدۇ.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن يەتتە سانائەت تەتقىقات ئورنى خاربىن سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى، خاربىن قۇرۇلۇش ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتى، غەربىي-شىمال سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى، نەنجىڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلار ئىكەن. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇنىۋېرسىتېتلار خىتاينىڭ ھەربىي سانائىتى، قورال-ياراغ ئۈسكۈنىلىرى، ئالەم قاتنىشى، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، خېمىيەلىك ماتېرىيال تەتقىقات تۈرلىرىگە قاتناشقان ئورۇنلار ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ تېخنىكا ئوغۇرلاش قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەربىي ئارقا كۆرۈنۈشى بار بولغان بىر تۈركۈم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ بەزى سەزگۈر رايونلىرىغا كىرىشىنى چەكلىگەن.

بۇ خەۋەر 1002 قېتىم كۆرۈلدى
24/12/2020 20:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق