تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن قازا قىلغانلار 259 گە يەتتى

23 - دېكابىر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 19650 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى دەپ گۇمان قىلىنغان 202 مىڭ 209 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 19650 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 3109 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 259 كىشى قازا قىلىپ، 34492 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

نۆۋەتتە تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى باشلانغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي بىر مىليون 901 مىڭ 307 گە، قازا قىلغانلار 18861 غا، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 4901 گە يەتكەن. فاھرەتتىن كوجا يەنە نورمال يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ تۆۋەنلىشى خوشاللىنارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى، يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانىنىمۇ تەدبىرلەرگە رىئايە قىلىش ئارقىلىق تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى، بۇ ۋاقىتتا ئۆي ئىچىدە يۇقۇملىنىشنى چەكلەشنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى، خەتەر قەيەردە بولسا تەدبىرنىڭمۇ شۇ يەردە بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 911 قېتىم كۆرۈلدى
24/12/2020 23:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق