فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ يېڭى سودا مىنىستىرى گىنا رايموندو كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، خىتاينىڭ نامۇۋاپىق سودا ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ يېڭى سايلانغان سودا مىنىستىرى رايموندو خىتاينىڭ ئادالەتسىز سودا ھەرىكىتىگە قارشى ئاكتىپ ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. رايموندو بەرگەن يازما گۇۋاھلىقنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىدا يېزىلىشىچە، رايموندو كېڭەش پالاتاسى سودا كومىتېتىغا ئامېرىكىنىڭ خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا سودا ئىشلىرىغا زىيان يەتكۈزۈشتەك ناتوغرا سودا قىلمىشىغا قارشى ئاكتىپ ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى سابىق پىرېزىدېنت ترامپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، خىتايغا قارشى ھەرىكەت قوللۇنۇپ، خۇاۋېي،SMIC ۋە DJI قاتارلىق ئون نەچچە شىركەتنى قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. ئامېرىكىدىكى ئۈچ سوتچى تىرامپ ھۆكۈمىتى دەۋرىدە سودا مىنىستىرلىكى چىقارغان بۇيرۇقنى توسۇپ قالغان. بۇ بۇيرۇقلار خىتاينىڭ ئۈندىدار ۋە تىك توك ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈشنى چەكلەشكە ئۇرۇنغان بۇ مەسىلە ھەققىدە ئامېرىكا سەييارە سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىنغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، دۈشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تىك توكنى چەكلەش ھەققىدىكى مەمۇرىي بۇيرۇقنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ھەققىدە سورالغان سوئالغا ئاقساراي باياناتچىسى جېن ساكى جاۋاب بەرمىگەن، ئەمما ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ: «بىز تېخىمۇ ياخشى مۇداپىئەگە موھتاج ، بۇ مەسىلە خىتاينىڭ مەسئۇلىيىتىنى چوقۇم ئۆز ئۈستىگە ئېلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، تىرامپ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي مەبلەغ سالغان شىركەتلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى تىكتوك ۋە ئۈندىدارنىڭ ئامېرىكا ئەپ بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان. ئەگەر كېڭەش پالاتاسى رايموندونى رەسىمى سودا مىنىستىرلىكىگە تەيىنلەپ قالسا، بۇ ھەل قىلىنمىغان مەسىلىنى ئۆتكۈزۈۋالىدىكەن .