غۇلجا قەتلىئامىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ۋە باستۇرۇلۇش جەرىيانى

خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغان 1949- يىلىدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە خەلقىمىزنى باش كۆتەرتمەي، زۇلۇم قىلىپ باستۇرۇپ كەلمەكتە. خەلقىمىز ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈردى . نۇرغۇن ئالىملىرىمىز، زىيالىرىمىز ئۆلتۈرۈلدى ۋە تۈرمىگە قامالدى. تارىخى ئەسەرلىرىمىز كۆيدۈرۈلدى. مەدىرىس ۋە مەسىچدلىرىمىز توڭگۇز باقدىغان ئېغىلغا ئايلاندۇرۇلدى ياكى چېقىۋىتلدى. خىتاي كۆچمەنلەرنى ۋەتىنىمىزگە يەرلەشتۇرۇپ، خەلقىمىزنىڭ مال – مۈلكى، يەر- ماكانلىرىنى تارتىۋالدى. مەجبۇرىي پىلانلىق توغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈپ دۇنياغا تېخى كۆز ئاچمىغان نۇرغۇن بۇۋاقلىرىمىزنى ئانىنىڭ قارنىدا ئۆلتۈرۈپ يوق قىلدى. خىتاينىڭ بۇ ۋەھشىيانە قىلمىشلىرىغا چىداپ تۇرالمىغان بىر تۈركۈم ئىلغار ياشلار 1990-يىلى بارىن يېزىسىدا خىتايغا قارشى قۇراللىق ھەرىكەت قىلدى. بۇ ھەرىكەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتكۈل شەھەر- رايونلىرىغا تەسىر كۆرسەتتى. بۇ ھەرىكەت خەلقنى غەپلەت ئۇيقۇدىن ئويغاتتى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە، كىمنىڭ دوست كىمنىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئازادلىق ھۆرلۈككە ئىنتىلىش ئىرادىسىنى كۈچەيىتتى. بارىن ئىنقىلاۋىدىن كېيىن خەلقتە خىتايدىن ئىبارەت دۈشمەنگە قارشى ئويغۇنۇش پەيدا بولدى. قەلبىدە غەزەپ – نەپرەت ئوتى لاۋىلداپ ياندى. خىتاي ئىشغالچى كوممۇنىست ھاكىمىيىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا دوست بىلەن دۈشمەن، زالىم بىلەن مەزلۇمدىن ئىبارەت ئىككى سەپ ئايرىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى.

تارىختا بىر قانچە قېتىم شەرقىي تۈركسىتان مىللىي – ئازاتلىق كۈرىشىنىڭ مەركىزى بولغان غۇلجا شەھرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ۋەتەنپەرۋەر ياشلار 1994- يىلىدىن تارتىپ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىشسىز قالدۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنى ئەخلاقى جەھەتتىن چىرىكلىشىشىكە يەنى زەھەرلىك چىكىملىك ۋە ئىچىملىككە مۇبتالا قىلىشتەك رەزىل قىلمىشىغا تاقابىل تۇرۇپ ياشلارنى ۋەتەن ۋە مىللەتسۈيەر قىلىپ تەربىيلەش مەقسىتىدە ئىلى مەشرىپىنى جانلاندۇرۇپ، يىڭى مەشرەپ سورۇنلىرىنى تەشكىللەپ ياشلىرىمىزنى ۋەتەنپەرۋەرلىككە دەۋەت قىلىشقا باشلىدى. لېكىن كۆپ ئۆتمەي خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭغا تۇسالغۇلۇق قىلىپ چەكلەشكە ئۇرۇندى. ياشلارنىڭ تەنھەركەت پائالىيەتلىرى جۈملىدىن پۇتبول كوماندىرلىرى تەشكىللەپ مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ھەرىكىتىمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى. قىسقىسى ياشلارنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتلىرى مەنئى قىلىندى. كۆپ ساندا ياشلار خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا نارازى بولۇپ دەردىنى ئىچىگە يۈتۈپ تۇرغان بىر ۋەزىيەتتە يەنى 1997 – يىلى 2 – ئاينىڭ 4 – كۈنى كېچىسى غۇلجىدا رامىزان ئېيىنىڭ قەدىرى كېچىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىبادەت قىلىش مەقسىتىدە توپلىشىپ قۇرئان ئوقۇۋاتقان بىر گۇرۇپ ئاياللارنى خىتاي ساقچىلىرى تۇتۇپ ئاپىرىپ تۈرمىگە قاماپ قويدى. دىنى ئىبادەتنى ئادا قىلىشتىن باشقا ھېچ بىر مەقسىتى بولمىغان بۇ ئاياللارنىڭ بىر قانچىسى شۇ يەردە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇلغان، بىر قانچە ئايال تاياق زەربىسىدىن ئۆلۈپ كەتكەن. خەلقىمىزنىڭ بىر يەرگە توپلىشىشىپ قېلىشىدىن ئۆلگۈدەك قورقىدىغان ئىشغالچى كوممۇنىست ھاكىمىيىتى، خەلقىمىزنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ سۆھبەت – پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى چەكلەيدۇ، شۇ سەۋەبتىن قەدىرى كېچىسى ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن توپلانغان ئاياللارنى تۇتۇپ تۈرمىگە قاماپ قاتتىق ئۇرۇپ قىينىغان. بۇ خورلىققا چىدىمىغان غۇلجا ياشلىرى 5 – فېۋرال كۈنى تىنچ نامايىشقا چىقىپ تەرتىپلىك ھالدا شەھەر مەركىزىدىكى ھاكىمىيەت ئىدارىسى ئالدىغا كەلگەندە 700 – 800 ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى خىتايلارنىڭ مۇنتىزىم ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۈەن قىسىملىرى، بىخەتەرلىك كۈچلىرى ۋە جاسۇسلىرىنىڭ قورشاۋىغا ئېلىندى ۋە ئۇرۇپ، سوقۇپ، قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، ھايات قالغانلارنى تۇتۇپ ماشىنىلارغا بېسىپ تۈرمىغا ئېلىپ ماڭدى. شۇ كۈنىلا بىر قانچە يۈز ئادەم ئۇرۇپ ۋە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. قىش كۈنى سوغاق سۇ چىچىپ ھەمدە توتۇلغانلارنى سۇغاق جايلاردا قاماپ قويۇپ بىرمۇنچە ئادەم توڭلاپ ئۆلدى. بۇ ۋەھشىلىكنى ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن شەھەر ئاھالىسى غەزەپلىنىپ ئەتىسى 6 – فېۋرالدا مىڭلىغان كىشى كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىپ بۇ ۋەھشىيلىكنى ئەيىپلىدى. ھەمدە ناھەق قامالغان ياشلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. غۇلجا خەلقىنىڭ بۇ ئۇرۇنلۇق تەلىۋىگە قۇلاق سېلىش ئورنىغا خىتايلار ئاپتۇمات ۋە پىلموتلاردىن ئوق چىقىرىپ قورالسىز خەلقنى ئوق يامغۇرىغا تۇتتى. بۇنى كۆرگەن نامايىشچىلار قولىدىن كېلىشىچە قارشىلىق قىلىپ، بىر مۇنچە خىتاي ئەسكەرلىرىنى جازالىدى. لېكىن زور مۇنتىزىم ئارمىيە ۋە ساقچى قىسىملىرى خەلقنى قىرغىن قىلىش ئارقىلىق نامايىشنى قانلىق باستۇردى. ئىككى كۈنلۈك قىرغىنچىلىقتا بەزى مەلۇماتلار بويىچە 150 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياش شېھىد قىلىندى، 400 دىن ئارتۇق ياش يارىلاندى. بەزى مەنبەلەردە شۇ قېتىملىق توقۇنۇشتا 400 دىن ئارتۇق قېرىنداشلىرىمىز شېھىد بولدى دېيىلگەن يەنە باشقا مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن بىر قانچە ھەسسە كۆپ ساننى كۆرسىتىدۇ. غۇلجا كوچىلىرى يەنە بىر قېتىم قانغا بويالدى. شۇ كۈنلەردە ئىلى ۋىلايىتىدە تەخمىنەن 5000، پۈتۈن ۋەتىنىمىز بويىچە 20 مىڭ ئۇيغۇر تۇتۇلغانلىقى مەلۇم. خەلقئارالىق قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى ئاياق-ئاستى قىلىۋاتقان خىتاي باسقۇنچىلىرى ھەتتا يارىدارلارنى داۋالاشتىن باش تارتىپ ھەرقانداق تىببى ياردەم كۆرسىتىشنى مەنئى قىلىپ ئالاھىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. نەتىجىدە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار قانسىراپ ياكى تىببى ياردەم ئالالماي ئۆلۈپ كەتتى. نۇرغۇنلىغان ياشلار ئىز -دېرەكسىز يوقاپ كەتتى. تۈرمىلەردە قىيناپ – ئازاپلاش شۇ دەرىجىدە بولدىكى، قىيىن قىستاقلارنى كۆرگەن بەزى ساقچىلار چىدىيالماي خىزمەتلىرىدىن ئىستىپا بەرگەن.

ئىشغالچى خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرى قىلغان قىرغىنچىلىقنى ئاز كۆرۈپ، تۇتۇلغانلارنى تۈركۈم – تۈركۈملەپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ ئېتىپ ئۆلتۈردى. 1000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى سوتقا تاپشۇرماستىن 1997 – يىلى 12 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ھەممىسنى بىراقلا ئوققا تۇتۇپ شېھىد قىلدى. قولىدا قۇرالى بولمىغان ئۇيغۇر ياشلار تولۇق قۇراللانغان خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قانۇنلۇق ئۆزىنى قوغداشقا ئورۇنغان بولسىمۇ قىرغىنچىلىقتىن قۇتۇلالمىدى.

1- تۈركۈمدە شۇ يىلى ئاپرېلنىڭ ئاخىرلىرىدا يۈسۈپ تۇرسۇن قاتارلىق 3 نەپەر ياشنى ئۇرۇش، بۇلاش، چېقىش، كۆيدۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىغان دېگەن بۆھتان بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى. ئۇلارنى ئېتىشقا ئېلىپ ماڭغاندا يول بويىدا تۇرۇپ ئەلۋىدا!-دەپ ۋاقىرىغان يۈزلىگەن ئۇيغۇرغا خىتاي ھەربى ساقچىلىرى ئوق چىقىرىپ «ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنى قۇتقۇزۇشقا ئۇرۇندى» دېگەن باھانە بىلەن گۇناھسىز 3 ئادەمنى ئۆلتۈردى. مانا بۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە نەقەدەر دۈشمەن كۆزى بىلەن قارايدىغانلىقىنى، پۇرسەت تاپسىلا ئۆلتۈرۈپ يوق قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى.

2-تۈركۈمدە يەنى شۇ يىلى 7-ئايدا غاپپار تەلەت قاتارلىق 9 نەپەر ياشنى شۇنداق «تۆھمەتلەر» بىلەن ئېتىپ شېھىد قىلدى. فېۋرال ئىنقىلاۋىنىڭ يىتەكچىلىرىدىن: ئابدۇخېلىل مىجىت ۋە ئابدۇمېجىت ئابدۇراخمانلارنى چاپچالدىكى سۇ تۇرمىسىدا 3 يىل دەھشەتلىك قىيناپ شېھىد قىلدى. ئىبراھىم ئىسمائىل فېۋرال ئىنقىلابىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى رەھبىرى دەپ ئەيىبلىنىپ غۇلجىدا چوڭ دائىرىدە ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلىپ، پۈتۈن شەھەردە ھەربى ھالەت، ھاۋادا تىك ئۇچار ھەربى ئايروپىلانلارنىڭ، يەردە تانكا، برۇنۇتلارنىڭ قورشاۋىدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ شەھەر سىرتىدا ئېتىپ شېھىد قىلدى. بۇ خىل ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش ئىلى تەۋەسىدە نەچچە يىل داۋاملاشتى. 1999- يىلى 21- سىنتەبىردە ئىلى ۋىلايەتلىك سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 30 نەپەر ئۇيغۇرغا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى. ئۇلاردىن نۇراخمەت نىياز، قۇربانجان ھۈسەين، تۇرغان سەيدۇللا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ دەرھال ئىجرا قىلىشقا، مىھمانجان ئەمەت قاتارلىق 7 ئۇيغۇرغا 2 يىل كىچىكتۇرۇپ ئېتىش ئۆلۈم جازاسى بەردى، يۈسۈپجان ئابلىز قاتارلىق 4 كىشى ئۆمۈرۋايەتلىك قاماق جازاسىغا، قالغانلار 20 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. بۇنداق ئۆلۈم جازالىرى ئىلى ۋىلايىتىدىن باشقا ئۈرۈمچى شەھرى، قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن، تۇرپان ۋىلايەتلىرى، بايىنغولىن ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردىمۇ كۆپلەپ ئېلىپ بېرىلدى. 5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدىن باشلاپ 2000-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 1400 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر، سىياسىي سەۋەپ بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ قۇرال بىلەن ئېتىپ شېھىد قىلىنغانلىقى مەلۇم.

ئۇ قېرىنداشلىرىمىز، زۇلۇمغا، ناھەقچىلىككە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن شېھىد قىلىندى. رەببىم ئاللاھ، دىنىم ئىسلام، ئىمانىم قۇرئان دېگەنلىكى ئۈچۈن شېھىد قىلىندى. ئۇلارنىڭ شېھىد بولغانلىقىدا ھېچ قانداق شەك يوق. گەرچە ئۇلار دۈشمەن كۈچلۈك ۋە زامانىۋىي قۇراللىرى بولسىمۇ كۆكرەك كىرىپ مەيدانغا چىقىشقا تۈرتكە بولغان ئامىل زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش، ناھەقچىلىكنى قوبۇل قىلالماسلىقتىن ئىبارەت ئىمانى كۈچ ۋە رۇھىي ئىرادە ئۇلارنى مەيدانغا چىقاردى. ئۇلار دۈشمەننىڭ قۇراللىق كۈچلىرىگە پەرۋا قىلمىدى. ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ھايات پرىنسىپى بويىچە مەيدانغا چىقتى ۋە شېھىد بولدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شېھىدلەر توغرىسىدا بايان قىلغان بىر ھەدىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: « كىمكى مال – مۈلكىنى قوغداش يولىدا ئۆلتۈرۈلسە شېھىد بولىدۇ. كىمكى دىنىنى قوغداش يولىدا ئۆلتۈرۈلسە شېھىدتۇر، كىمكى جېنىنى يەنى ھاياتىنى قوغداش يولىدا ئۆلتۈرۈلسە شېھىدتۇر. كىمكى ئىپپەت – نۇمۇسىنى قوغداش يولىدا ئۆلتۈرۈلسە شېھىدتۇر».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىسىدە «كىمكى ناھەق ئۆلتۈرۈلسە شېھىدتۇر»، دېگەن.

5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدە خىتاي جاللاتلىرى تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنغان قېرىنداشلىرىمىز، ئۆزلىرىنىڭ دىنىنى قوغداش، ھاياتىنى قوغداش، ئائىلىسىنى قوغداش يولىدا شېھىد بولدى، ناھەقچىلىككە قارشى چىقىپ شېھىد بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ شېھىد بولغانلىقىدا ھېچ قانداق شەك يوق.

ئاللاھتائالاغا نىسبەتەن شېھىدلەرنىڭ مەرتىۋىسى يۇقىرى، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە شېھىدلەر توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ئاللاھنىڭ يولىدا شېھىد بولغانلارنى ئۆلۈك دەپ ھېسابلىمىغىن، بەلكى ئۇلار تىرك بولۇپ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى رىزقتىن بەھىرىمەن قىلىنىدۇ. (يەنى جەننەتنىڭ نېمەتلىرىدىن ئەتتىگەن ئاخشامدا مەڭگۈلۈك رىزىقلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ). سۈرە ئال ئىمران 169 – ئايەت.

ئاللاھ ئۆزىنىڭ ۋەدىسى بويىچە شېھىدلەرنى جەننەتتىن ئىبارەت ئەبەدىيلىك ھۇزۇرغا ئېرىشتۇرىدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى زالىم كۈچلىرىنىڭ ئاياغ ئاستىدا يەنجىلگەن بولسىمۇ ئۇلارنىڭ روھى ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. ئۇلار ھەرگىز مەغلۇپ بولمايدۇ. دۈشمەنگە تەڭ كېلەلمىگەنلىكىنى، قان تۆكۈلگەننى كۆرۈپ مەغلۇب بولدى دەپ ئويلاپ قالىمىز، ئەمەلىيەتتە ئۇلار شېھىد بولدى. ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىغا ۋە ئەبەدىيىلىك ھاياتقا، جەننەتتىن ئىبارەت ئالى ئورۇنغا ۋە ھۇزۇرغا ئېرىشىدۇ، ئىنشائاللاھ.

5 – فېۋىرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى فاشسىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يىللاردىن بىرى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن داۋام قىلغان سېستىملىق قىرغىنچىلىقىنى ئۇچۇق يۈرگۈزگەن پاكىتلاردىن بىرى. قورقۇتۇش، باستۇرۇش ۋە ئۆلتۈرۈشنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان خىتاي دىكتاتۇر كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ۋەھشىيانە قىرغىنچلىق جىنايەت ئىشلەپ دۆلەت تېرورلۇقنى دۇنياغا كۆرسەتتى.

مەن 1997 – يىلى غۇلجا ۋەقەسى يۈز بەرگەن ۋاقىتتا پاكىستاندا ئوقۇۋاتقان ئىدىم. پاكىستان گېزىتلىرىدە ۋەقە توغرىسىدا ھەر كۈنى يېڭى ئۇچۇرلار تارقالدى. بىز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار پاكىستان گېزىتلىرى ئارقىلىق ۋەقەدىن خەۋەر تېپىپ تۇردۇق. ئەمما ۋەقە يۈز بېرىپ ئارقىدىنلا پاكىستان گېزىتلىرىدە: پاكىستاندا ئوقۇۋاتقان 168 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى خىتاي پاكىستاندىن قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، دېگەن ئۇچۇرلار تارقالدى. بىز ئوقۇغۇچىلار ساراسىمگە چۈشتۇق ۋە ھەممىمىز دېگۇدەك ئۆزىمىزنى چەتكە ئالدۇق. مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئىسلامى جامائەتلەرنىڭ مەركەزلىرىگە يوشۇرۇندۇق. شۇ ۋاقىتتا بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى مەرھۇم نەجمىدىن ئەرباكان، پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شېرىپ بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىك توغرىسىدا سۆزلەشكەن. شۇنىڭ بىلەن پاكىستاندا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىپ قالغان ئىدى. ئاللاھ مەرھۇم نەجمىدىن ئەرباكاننىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي.

غۇلجا ۋەقەسى بولسا خەلقنى ئازادلىق ۋە ھۆرلۈككە چاقىرىدى. شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ قۇللۇققا، زۇلۇمغا باش ئەگمەيدىغانلىقىنى دۇنياغا كۆرسەتتى. خىتاينىڭ 62 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى ئاسىملاتسىيە قىلىش سىياسەتلىرىنى يوققا چىقاردى يەنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى تۈپتىن ئاسىملاتىسىيە قىلىش، يوق قىلىش سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچىرىغانلىقىنىڭ بىشارىتىنى كۆرسەتتى. غۇلجا ۋەقەسى، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاشلا دۇنياغا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تېخى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىنى ھېچ قاچان قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، ھۆر مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئىرادىسىنىڭ تېخىمۇ ئېشىۋاتقانلىقىنى، دۇنيادىكى مۇستەقىل دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشتىن ئىبارەت مىللى ئىرادىسى ئۈچۈن ھەممە نەرسىدىن ھەتتا ئەزىز جېنىدىنمۇ ۋاز كېچەلەيدىغانلىقىنىڭ سىگنالنى بەردى. چۈنكى دۇنياغا تەھدىت بولىۋاتقان خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىدىن ئىبارەت چوڭ كۈچكە قارشى قولىدا ھېچ قانداق قۇرال بولمىسىمۇ كۆكرەك كىرىپ مەيدانغا چىقتى ۋە شېھىد بولدى.

شېھىدلەرنىڭ قېنى ھەرگىز بوش ئاقمايدۇ. تۆكۈلگەن قانلار يەردە قالمايدۇ. تارىخدىن بۇيان ئانا ۋەتەن شەرقىي تۈركىستاننى قوغداش يولىدا تۆكۈلگەن ئەزىز قانلار ھەرگىز يەردە قالمايدۇ. قان تۆكۈلمىگىچە ۋەتەن ئازاد بولمايدۇ.

بارىندا، غۇلجىدا، ئۈرۈمچىدە ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە چوڭ كىچىك بولۇپ نۇرغۇن ۋەقەلەر يۈز بەردى. زۇلۇمغا قارشى ھەرىكەتلەر بولدى. كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمىز شېھىد بولدى ياكى تۈرمىگە قامالدى. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ بولۇپمۇ، ھۆر ۋە ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بېشىغا قانداق مەسئۇلىيەت يۈكلىنىدۇ؟ ئەلۋەتتە بىزمۇ قاراپ تۇرماسلىقىمىز كېرەك. كۈچ بىرلىكى ھاسىل قىلىپ ئەركىن دۇنيادا قىلالايدىغان بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ ھەرىكەتكە ئۆتىشىمىز كېرەك بولىدۇ. چۈنكى شېھىدلەرنىڭ ئىرادىسى، ئارزۇ ئارمانلىرى ۋە ئىسسىق قېنىنى تۆكۈپ جېنىنى پىدا قىلىشى، ئازادلىق، ھۆرلۈك ۋە مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار غايە مەقسەتلىرى بىز ھايات قالغانلار ئۈچۈن ئامانەت شەكىلىدە مىراس قالىدۇ. بۇ مىراسقا ئىگە چىقىش بىز ھايات قالغانلارنىڭ مەجبۇرىيىتى. بۇنى بىز خالىساقمۇ خالىمىساقمۇ قىلىشقا تېگىشلىك بىر ئىمانى، ۋىجدانى مەجبۇرىيەت ھىسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھۆر دۇنيادا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار، زۇلۇم ئاستىدا قالغان قېرىنداشلارنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئانا ۋەتەننى ئازاد قىلىپ ھۆر – مۇستەقىل ياشاش يولىدا جېنىنى پىدا قىلىپ شېھىد بولغان شۇ قەھرىمان ئۇغۇل – قىزلىرىمىزنى ئەسلەش، خاتىرلەش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ئىزىدا مېڭىپ ئۇلار يېتەلمىگەن غايە – مەقسەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق قىلىشىمىز كېرەك بولىدۇ. بۇ ئۆزىنى ئۇيغۇر، مۇسۇلمان، شەرقىي تۈركسىتانلىق دەپ ھىېسابلايدىغان ھەر بىر شەخس ۋە تەشكىلاتلارنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مىللىي، دىنى، ئىمانى ۋە ۋىجدانى مەجبۇرىيىتى ھېسابلىنىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر غەپلەتتە يېتىش ئەمەس ئۇيغۇنۇش ۋاقتى. ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك تۇرمۇشى ئۈچۈن ئەمەس ۋەتەن – خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ۋاقتى. كىشىلىك تۇرمۇش ئۈچۈنمۇ ۋاقىت چىقىرىپ تىرىششىمىز كېرەك ، ئەمما ئۇنى ھاياتنىڭ ئاساسى مەقسىتى قىلىۋالماستىن ۋەتەن ئۈچۈنمۇ ۋاقتىنى، ئەقلىنى، بىلىمىنى، مېلىنى، ھەتتا كېرەك بولغاندا جېنىنى پىدا قىلىدىغان ئالىي چۈشەنچىنى ھەر زامان ئۇنۇتماستىن ، زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش، ئازادلىقنى، مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئىرادىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتىشىمىز ۋە شۇ غايىگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىشىمىز كېرەك.

زۇلۇم ۋە ئىشغالىيەت ھېچ قاچان داۋام قىلمايدۇ، بۇنىڭ چوقۇم تۈگەيدىغان ۋاقتى كېلىدۇ.

ئاللاھ زۇلۇمغا قارشى زالىمنىڭ ئالدىدا ئۆلۈمدىن قورقىماي كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىققان ۋە بۇ يولدا شاھادەت شەربىتىنى ئىچكەن شېھىد قەھرىمانلىرىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغاي. ناھەقچىلىككە قارشى چىقىپ، دىنىنى، مىللىتىنى، ۋەتىنىنى، ھاياتىنى، ئائىلىسىنى، مال – مۈلكىنى قوغداش يولىدا تۈرمىلەرگە قامىلىپ زۇلۇم چېكىۋاتقان، قېرىنداشلىرىمىزغا سەبىر تاقەت، كۈچ قۇۋۋەت، سالامەتلىك ئاتا قىلغاي، زالىمنىڭ زۇلۇمىدىن تىزراق قۇتۇلۇپ ئەركىنلىككە ئېرىشىشكە نىسىپ قىلغاي. (ئامىن)

غۇلجا قىرغىنچىلىقىدا شېھىد بولغان پۈتكۈل شېھىدلەرنى ئەسلەيمىز، خاتىرلەيمىز ۋە شېھىدلەرگە ئالى ئېھتىرام بىلدۈرىمىز.



مۇسا بايتاش

2012- يىلى 2 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئىستانبۇل

بۇ خەۋەر 8429 قېتىم كۆرۈلدى
01/02/2021 12:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق