تۈركىيەنىڭ ئەڭ يېڭى نوپۇس ئىستاتىستىكىسى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى (TÜİK) 4-فېۋرال تۈركىيەنىڭ 2020-يىلىدىكى نوپۇس ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ 2020-يىلىدىكى نوپۇسى 83 مىليون 614 مىڭ 362 گە يەتكەن بولۇپ، 2019-يىلدىكىدىن 459 مىڭ 365 نوپۇس كۆپەيگەن.

بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %50.1 (41 مىليون 915 مىڭ 985)، ئاياللارنىڭ نىسبىتى %49.9 (41 مىليون 698 مىڭ 377 كىشى) بولغان.

تۈركىيە نوپۇسىنىڭ يىللىق كۆپىيىش نىسبىتى 2019-يىلى ‰13.9 بولغان بولسا، 2020-يىلى 5.5‰ بولۇپ، نوپۇس ئەڭ ئاز كۆپەيگەن يىل بولغان.

شەھەر نوپۇسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %93، يېزا نوپۇسىنىڭ %7 بولغان.

تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى بولغان ئىستانبۇلنىڭ نوپۇسى 15 مىليون 462 مىڭ 452 بولۇپ، 2019-يىلغا سېلىشتۇرغاندا 56 مىڭ 815 كىشى ئازلىغان.

تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان نوپۇسنى تەكشۈرگەندە، تۈركىيەدە ياشانغانلارنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپەيگەنلىكى ئېنىقلانغان. سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ياشانغانلارنىڭ نوپۇسى 2019-يىلى %32.4 نى ئىگىلىگەن بولسا، 2020-يىلى %32.7 كە ئۆرلىگەن. جىنس ئايرىمىسى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 31.7دىن 32.1 كە، ئاياللارنىڭ 33.1 دىن 33.4 كە ئۆرلىگەن.

ھەر بىر ئەمگەك كۈچىگە توغرا كەلگەن پەرزەنت نىسبىتى %34.1 تىن %33.7 كە چۈشكەن بولسا، قېرىغانلارنىڭ ھەربىر ئەمگەك كۈچىگە توغرا كېلىش نىسبىتى %13.4 تىن %14.1 كە كۆپەيگەن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىشلەيدىغان ھەر 100 ئادەمگە 33.7 دىن بالا، 14.1 دىن ياشانغان كىشى توغرا كەلگەن.

ھەر كىۋادرات كىلومېتىر يەرگە توغرا كەلگەن نوپۇس نىسبىتى ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، بىر كىۋادرات كىلومېتىرغا 2976 كىشى توغرا كەلگەن. ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى كوجائەلى شەھىرى بولۇپ، 553 كىشى توغرا كەلگەن. ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئىزمىر شەھىرى بولۇپ، بىر كىۋادرات كىلومېتىرغا 366 كىشى توغرا كەلگەن. تۇنجېلى شەھىرىدە بىر كىۋادرات كىلومېتىر يەرگە 11 نوپۇس توغرا كېلىدىغان بولۇپ، نوپۇسى ئەڭ شالاڭ شەھەر بولۇپ قالغان. بايبۇرت شەھىرى بولسا 81 مىڭ 910 نوپۇسى بىلەن تۈركىيەدىكى نوپۇسى ئەڭ ئاز شەھەر بولغان.

2020-يىلى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان چەت ئەللىكلەرنىڭ نوپۇسى بىر مىليون 333 مىڭ 410 بولۇپ، 2019-يىلدىكىدىن 197 مىڭ 770 كىشى ئازلىغان. بۇنىڭغا تۈركىيەدە ئىقامەت، ئىشلەش رۇخسىتى ۋە يېشىل كارتا قاتارلىقلار بىلەن ياشاۋاتقان چەت ئەللىكلەرمۇ كىرگۈزۈلگەن. ساياھەتچى، قىسقا مۇددەتلىك كۇرسلاردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، تەتقىقاتچىلار ۋە ئىقامىتىنىڭ ۋاقتى ئۈچ ئايلىقتىن قىسقا بولغان كىشىلەر بۇ سانغا كىرگۈزۈلمىگەن.

بۇ خەۋەر 31513 قېتىم كۆرۈلدى
06/02/2021 22:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق