دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى 20 ئۇنىۋېرسىتېت (2021-يىلى)

ئەنگلىيەنىڭ ئالىي مائارىپ باھالاش ئورگىنى بولغان QS World University Rankings (QS) دۇنيادىكى 20 مىڭ ئۇنىۋېرسىتېتنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، 2021-يىلىدىكى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى رەتلەپ، تىزىملىككە تۇرغۇزغان. بۇ باھالاش ئورگىنىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلارنى كۆپ تەرەپلىمىلىك تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىققاندىن كېيىن تاللاپ چىققان دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى 20 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ رەت تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:

 

1. ماسساچۇسېتس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى (Massachusetts Institute of Technology)

دۆلەت: ئامېرىكا

شەھەر: ماسساچۇسېتس ئىشتاتىنىڭ كامبىرىج شەھىرى (Cambridge)

ئەھۋالى: خۇسۇسىي تەتقىقات ئۇنىۋېرسىتېتى

قۇرۇلغان ۋاقتى: 1861-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى

ئوقۇغۇچى سانى: 11 مىڭ 342

 

2. ئىستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى (Stanford University)

دۆلەت: ئامېرىكا

شەھەر: كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ سان فىرانسىسكو شەھىرى (San Francisco)

ئەھۋالى: خۇسۇسىي ئۇنىۋېرسىتېت

قۇرۇلغان ۋاقتى: 1891-يىلى

ئوقۇغۇچى سانى: 16 مىڭ 914 (2017-يىلى)

 

3. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى (Harvard University)

دۆلەت: ئامېرىكا

شەھەر: ماسساچۇسېتس ئىشتاتىنىڭ كامبىرىج شەھىرى (Cambridge)

ئەھۋالى: خۇسۇسىي ئۇنىۋېرسىتېتى

قۇرۇلغان ۋاقتى: 1636-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى

ئوقۇغۇچى سانى: 20 مىڭ 970

 

4. كالىفورنىيە سانائەت ئىنستىتۇتى (California Institute of Technology)

دۆلەت: ئامېرىكا

شەھەر: كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ لوس ئانژېلېس شەھىرى (Los Angeles)

ئەھۋالى: دۆلەت ئىگىلىكىدىكى پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى

قۇرۇلغان ۋاقتى: 1891-يىلى

ئوقۇغۇچى سانى: 2100

 

5. ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Oxford)

دۆلەت: ئەنگلىيە

شەھەر: ئوكسفورد شەھىرى (Oxford)

ئەھۋالى: خۇسۇسىي ئۇنىۋېرسىتېت دەپ قارىلىدۇ.

قۇرۇلغان ۋاقتى: ئېنىق ئەمەس. 1096-يىلىدىن باشلاپ ئوقۇتۇش خىزمىتى بارلىقى مەلۇم.

ئوقۇغۇچى سانى: 21535

 

6. شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيە تېخنىكا ئىنستىتۇتى (زۈرىخ) (ETH Zürih)

دۆلەت: شىۋېيتسارىيە

شەھەر: زۈرىخ شەھىرى (Zürih)

ئەھۋالى: دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى

قۇرۇلغان ۋاقتى: 1855-يىلى

ئوقۇغۇچى سانى: 18178

 

7. كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Cambridge)

دۆلەت: ئەنگلىيە

شەھەر: كامبىرىج شەھىرى (Cambridge)

ئەھۋالى: دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى

قۇرۇلغان ۋاقتى: 1209-يىلى

ئوقۇغۇچى سانى: 18 مىڭ 448

 

8. لوندون ئىمپېرىيە ئىنستىتۇتى (Imperial College London)

دۆلەت: ئەنگلىيە

شەھەر: لوندون شەھىرى (London)

ئەھۋالى: دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت

قۇرۇلغان ۋاقتى: 1907-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى

ئوقۇغۇچى سانى: 14700 (2020-يىلى)

 

9. چىكاكو ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Chicago)

دۆلەت: ئامېرىكا

شەھەر: چىكاكو شەھىرى (Chicago)

ئەھۋالى: خۇسۇسىي ئۇنىۋېرسىتېت

قۇرۇلغان ۋاقتى: 1890-يىلى

ئوقۇغۇچى سانى: 14 مىڭ 772

 

10. لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى (University College London)

دۆلەت: ئەنگلىيە

شەھەر: لوندون شەھىرى (London)

ئەھۋالى: دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى

قۇرۇلغان ۋاقتى: 1826-يىلى

ئوقۇغۇچى سانى: 21 مىڭ 620

 

11. سىنگاپور دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى (National University of Singapore)

دۆلەت: سىنگاپور

شەھەر: سىنگاپور شەھىرى (Singapore)

ئەھۋالى: دۆلەتنىڭ تەتقىقات ئۇنىۋېرسىتېتى

قۇرۇلغان ۋاقتى: 1905-يىلى

ئوقۇغۇچى سانى: 35908

 

12. پىرىنجىتون ئۇنىۋېرسىتېتى (Princeton University)

دۆلەت: ئامېرىكا

شەھەر: نىيۇجېرسىي ئىشتاتىنىڭ نىيۇجېرسىي شەھىرى (New Jersey)

ئەھۋالى: خۇسۇسىي ئۇنىۋېرسىتېت

قۇرۇلغان ۋاقتى: 1746-يىلى

ئوقۇغۇچى سانى: 7 مىڭ 912

 

13. نەنياڭ تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى (Nanyang Technical University)

دۆلەت: سىنگاپور

شەھەر: سىنگاپور شەھىرى (Singapore)

ئەھۋالى: ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە ئۇنىۋېرسىتېت

قۇرۇلغان ۋاقتى: 1991-يىلى

ئوقۇغۇچى سانى: 23951

 

14. شىۋېيتسارىيە لوزان فېدېراتسىيە تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى (École polytechnique fédérale de Lausanne)

دۆلەت: شىۋېيتسارىيە

شەھەر: لوزان شەھىرى (Lozan)

ئەھۋالى: فېدېراتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتى

قۇرۇلغان ۋاقتى: 1853-يىلى

ئوقۇغۇچى سانى: 11449(2019-يىلى)

 

15. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى (Tsinghua University)

دۆلەت: خىتاي

شەھەر: بېيجىڭ شەھىرى (beijing)

ئەھۋالى: دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى

قۇرۇلغان ۋاقتى: 1911-يىلى

ئوقۇغۇچى سانى: 53302 (2020-يىلى)

 

16. پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Pennsylvania)

دۆلەت: ئامېرىكا

شەھەر: پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىنىڭ فىلادېلفىيە شەھىرى (Philadelphia)

ئەھۋالى: خۇسۇسىي ئۇنىۋېرسىتېت

قۇرۇلغان ۋاقتى: 1740-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى

ئوقۇغۇچى سانى: 22432 (2019-يىلى)

 

 

17. كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتى (Cornell University)

دۆلەت: ئامېرىكا

شەھەر: نىيۇيورك ئىشتاتىنىڭ ئىساكا شەھىرى (Ithaca)

ئەھۋالى: خۇسۇسىي ئۇنىۋېرسىتېت

قۇرۇلغان ۋاقتى: 1865-يىلى

ئوقۇغۇچى سانى:23939

 

18. يېل ئۇنىۋېرسىتېتى (Yale University)

دۆلەت: ئامېرىكا

شەھەر: كوننېكتىكۇت ئىشتاتىنىڭ نىيۇھەۋىن شەھىرى (New Haven)

ئەھۋالى: خۇسۇسىي ئۇنىۋېرسىتېت

قۇرۇلغان ۋاقتى: 1701-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى

ئوقۇغۇچى سانى: 12312

 

19. كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (Columbia University)

دۆلەت: ئامېرىكا

شەھەر: نىيۇيورك شەھىرى (New York)

ئەھۋالى: خۇسۇسىي تەتقىقات ئۇنىۋېرسىتېتى

قۇرۇلغان ۋاقتى: 1754-يىلى

ئوقۇغۇچى سانى:31455 (2020-يىلى)

 

20. ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى (Edinburgh University)

دۆلەت: ئەنگلىيە-شوتلاندىيە

شەھەر: شوتلاندىيەنىڭ پايتەختى ئېدىنبۇرگ شەھىرى (Edinburgh)

ئەھۋالى: دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى

قۇرۇلغان ۋاقتى: 1583-يىلى

ئوقۇغۇچى سانى: 32592 (2013-، 2014-يىللىرى)

 

 تۈركىيەدىكى ئەڭ ياخشى ئون ئۇنىۋېرسىتېت

2020-يىلىدىكى تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە جەمئىي 203 ئۇنىۋېرسىتېت بار بولۇپ، بۇلارنىڭ 130ى دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى، 73ى خۇسۇسىي ئۇنىۋېرسىتېت ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ رەت تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:

 

1. كوچ ئۇنىۋېرسىتېتى (Koç Üniversitesi)

بۇ ئۇنىۋېرسىتېت دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئىچىدە 465-ئورۇندا تۇرىدۇ.

 

2. سابانجى ئۇنىۋېرسىتېتى (Sabancı Üniversitesi)

بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئىچىدە 521-530-ئورۇندا تۇرىدۇ.

 

3. بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى (Bilkent Üniversitesi)

بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئىچىدە 551-560-ئورۇندا تۇرىدۇ.

 

4. ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى (Orta Doğu Teknik Üniversitesi)

بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئىچىدە 601-650-ئورۇندا تۇرىدۇ.

 

5-بوغاز ئىچى ئۇنىۋېرسىتېتى (Boğaziçi Üniversitesi)

بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئىچىدە 651-700-ئورۇندا تۇرىدۇ.

 

6. ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى (İstanbul Teknik Üniversitesi)

بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئىچىدە 751-800-ئورۇندا تۇرىدۇ.

 

7. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى (Ankara Üniversitesi)

بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئىچىدە 801-1000-ئورۇندا تۇرىدۇ.

 

8-ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى (Hacettepe Üniversitesi)

بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئىچىدە 801-1000-ئورۇندا تۇرىدۇ.

 

9-ئېھسان توغراماجى بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى (İhsan Doğramacı Bilkent Üniversiteti)

 

10-ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى (Ege Üniversiteti)

 

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

بۇ خەۋەر 31760 قېتىم كۆرۈلدى
15/02/2021 09:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق