خىتاي يولسىز ئەرز-شىكايىتىدە ئاخىرى مەغلۇپ بولدى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى مۇھىم شەخس، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ئۈستىدىن تۈركىيە سوتىغا سۇنغان، ساختا ئىسپاتلار بىلەن تولغان يولسىز ئەرز-شىكايىتى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.

11-مارت ئىستانبۇل ئەدلىيە مەھكىمىسى باش تەپتىشنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، ئابدۇقادىر ياپچانغا قارىتىلغان نازارەتنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولۇپ، ئۇ بۇندىن كېيىن تۈركىيەدە ئەركىن پائالىيەت قىلالايدۇ.

جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن «تېررورچى»، «ئىستىقلال تور تېلېۋىزىيەسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى جىھاد قىلىشقا چاقىرىق قىلغان» دېگەن تۆھمەت بىلەن تۈركىيە سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىنىپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى ۋە شۇ سەۋەبلىك 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى سەفاكۆيدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، 2019-يىلى 2-ئايغىچە 32 ئاي نەزەربەند قىلىنغان ئىدى.

بۇ جەرياندا ئابدۇقادىر ياپچان ئىلگىرىكى كېيىن بولۇپ، باكىركۆي سۈلھى جازا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 40 كۈنلۈك نازارەتكە ئېلىنغان. ئارقىدىن باكىركۆي ئەدلىيە مەھكىمىسىگە يوللانغان ۋە باكىركۆي 5-سۈلھى جازا مەھكىمىسى ئۇنى قويۇپ بەرگەن. ئەمما تەپتىش خادىمىنىڭ ئېتىرازىغا ئاساسەن، ئابدۇقادىر ياپچان قايتىدىن نازارەتكە ئېلىنىپ سوتلانغاندىن كېيىن، 40 كۈنلۈك ھۆكۈمنامە ئېلان قىلىنىپ، مالتەپە تۈرمىسىگە يوللانغان. كېيىن ئىستانبۇل سوت مەھكىمىسى خىتاينىڭ ئەرزىگە قارىتا دەلىل-ئىسپاتنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، دەلىل-ئىسپاتلار تولۇقلانغۇچە ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلىدىغانلىقىنى، بۇ دەۋاغا 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى قايتا قاراپ چىقىشنى ھۆكۈم قىلغان.

2020-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىستانبۇل چاغلايان سوت مەھكىمىسى ئىككى يېرىم يىل نەزەربەند قىلىنغان ئابدۇقادىر ياپچان ئۈستىدىن سوت ھۆكۈمى چىقىرىپ، نەزەربەندنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى، ئەمما چەكلىك رايونلاردا نازارەت ئاستىدا ھەرىكەت قىلالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بۇ خەۋەر 1380 قېتىم كۆرۈلدى
12/03/2021 08:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق