ئانالىزچىلار: كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقى كۈچەيمەكتە

ئامېرىكا ئاۋازى بۈگۈن «ياۋروپانىڭ خىتاينىڭ كۈتكەنلىرىنىڭ يوققا چىقىشى» سەرلەۋھەلىك ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالىدە خىتاينىڭ خەلقئارالىق تەرتىپ، نىزاملارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، ياۋروپا دۆلەتلىرى خىتاينىڭ خوڭكوڭ ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى قىلمىشلىرى سەۋەبلىك خىتايغا بولغان مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتىۋاتقان بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودىغا مەسئۇل ئەمەلدارلىرى بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى تەستىقلاشنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى چارشەنبە لوندوندا ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق ۋە تۈپ ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىشقا، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋە تىبەت خەلقىگە ئىجرا قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ۋە دەپسەندە قىلىش قىلمىشىنى توختىتىشقا چاقىرغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئىقتىساد سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن.

سەيشەنبە كۈنى ھىندىستان G5 سىنىقىغا قاتناشقان تور ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ خۇاۋېي ۋە جۇڭشىڭ شىركىتى بۇ تىزىملىكتە ئورۇن بېرىلمىگەن. ئالدىنقى كۈنى ئاۋسترالىيە خىتاي شىركىتىگە دارۋېن پورتىنى داۋاملىق ئىجارىگە بېرىش-بەرمەسلىك مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

تەھلىلچىلەر ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئەمدى خىتايغا بولغان «ساددا» قارىشىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى، ئۇلار خىتاينىڭ تەھدىتىنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ قائىدىلەرنى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپكە بولغان تەھدىتىنى ئاستا-ئاستا ھېس قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، ياۋروپاغا نىسبەتەن، قائىدىلەرنى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنىڭ ياۋروپانىڭ گۈللىنىشى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان قورال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان، يىغىنغا قاتناشقان ئەمەلدارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى يەتتە دۆلەت گۇرۇھى ئەمەلدارلىرى 90 مىنۇت ئەتراپىدا خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»سودا پىلانى ۋە باشقا ئىقتىسادىي ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ، باشقا دۆلەتلەرنى قانداق قىلىپ خىتاي تەرەپتە تۇرۇشقا مەجبۇرلىغانلىقى ھەققىدە توختالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، يەتتە دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بۇ ئۇچرىشىشى گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتى تەدرىجىي كەسكىنلىشىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا تۇتقان مەيدانىغا يېقىنلىشىۋاتقان پەيتكە توغرا كەلگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «خىتاي ئىچكى جەھەتتە بارغانسېرى باستۇرۇشقا ۋە تاشقى جەھەتتە تېخىمۇ تاجاۋۇزچىلىققا يۈزلەندى. ئامېرىكا چوقۇم تەرتىپنى ئاساس قىلىپ خەلقئارا قائىدىلەرنى قوغدىشى كېرەك» دېگەن.

بۇ يىل 2-ئايدا ئىتالىيەنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، خىتايغا قاراتقان سىياسىتى بارغانسېرى كەسكىنلەشكەن بولۇپ، ئىتالىيە ھۆكۈمىتى 4-ئايدا خىتاينىڭ ئىتالىيە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ شىركىتىنى سېتىۋېلىشىنى چەكلىگەن. ئۇندىن باشقا ئىتالىيە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، ماشىنا ۋە پولات-تۆمۈر سانائىتىدىمۇ خىتاينىڭ سېتىۋېلىپ كونترول قىلىش قىلمىشىغا قارشى چەكلىمە قويغان.

يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي بىلەن فىرانسىيەنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ جىددىيلەشكەن. بۇ يىل مارت ئېيىدا خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى فىرانسىيە تەتقىقاتچىسىنى خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان سىياسىتىنى تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن، «لۈكچەك» دەپ ھاقارەت قىلغان. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان بولۇپ، خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇ شايې تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە چاقىرىلغان.

فىرانسىيە ھەربىي ئاكادېمىيەسى ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى نىكولاس رېگاۋۇد چارشەنبە بىر سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، خىتاي تەھدىتىنىڭ پەقەت ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغىلا ئەمەس، بەلكى ياۋروپا قىتئەسىگىمۇ تارقالغانلىقىنى، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ قائىدە ئاساسىدىكى خەلقئارا تەرتىپنى ساقلاشتا بايدېن ھۆكۈمىتى بىلەن ئوخشاش نىشانغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر خىتاينىڭ ياۋروپا قىتئەسىدىكى ھەرىكىتىدىن ئەنسىرىگەندىن سىرت، خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا قوشۇلماسلىق، كېلىشىمگە ھۆرمەت قىلماسلىق ۋە ئەركىن يول باشلاش پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق قىلمىشلىرىدىنمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەرىكەتلەرمۇ ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىپلا قالماي، يەنە ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى تىرىشچانلىقىنىڭمۇ سۇغا چىلاشقانلىقى قەيت قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 30378 قېتىم كۆرۈلدى
06/05/2021 15:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق