ياردەم قولى جەمئىيىتى نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان، «ياردەم قولى جەمئىيىتى»نىڭ خالىسانە خىزمەت گۇرۇپپىسىدا خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان خانىملاردىن تەشكىللەنگەن يەتتە كىشىلىك بىر ھەيئەت 21-ئىيۇن نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ زەيتىنبۇرۇندىكى باش ئىشخانىسىدا زىيارەتتە بولدى.
ھەيئەتنى نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم قاتارلىق جەمئىيەت مەسئۇللىرى ۋە بىر قىسىم ئوقۇغۇچى قىزلار قارشى ئالغان بولۇپ، ئۈچ سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان زىيارەت جەريانىدا زىيارەتچىلەرگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن. ئوقۇغۇچى قىزلار يەنە شەرقىي تۈركىستاندا قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكى، بۇ يەردىكى تۇرمۇش ۋە ئوقۇش ئەھۋالى قاتارلىق مەسىلىلەردە سۆھبەتلەشكەن.
زىيارەت ھەيئىتى بۇ قېتىملىق سۆھبەت ۋە ئۇچرىشىشتىن مەمنۇن بولغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ غەيرەت-ئىرادىسىدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ھەرۋاقىت قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

بۇ خەۋەر 1071 قېتىم كۆرۈلدى
23/06/2021 11:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق