خىتاي جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللانماقتا

خىتاي جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللانماقتا

خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسچىتلەرنى كۆپلەپ چېقىش بىلەن بىرگە، جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللانغان بولغاچقا، پەقەت سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەر ئارقىلىقلا مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارغا ئېرىشكىلى بولغان ئىدى. زىمىستان تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشتىن يانمىغان. بۇ يىل 3-ئاينىڭ 31-كۈنى نىڭشيا يىنچۈەن شەھىرىدىكى شىمالىي چوڭ مەسچىت چېقىۋېتىلگەن بولۇپ، شۇ كۈنى ساقچى قىسىم، قوراللىق قىسىم، ئامانلىق قوغداش خادىملىرى، شۇنداقلا 30 دىن ئارتۇق ماشىنا ۋە توپا قېزىش ماشىنىسى مەسچىتنىڭ ئەتراپىنى قورشىۋالغان. بۇ جەرياندا مەخسۇس خادىملار ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، كىشىلەرنىڭ يېقىنلىشىشىنى، سۈرەتكە تارتىشىنى چەكلىگەن. يەنە بىر قىسىم خادىملار باشقا مەسچىتلەرگە ئەۋەتىلىپ، بىرەر ئۆزگىرىش بولۇپ قالسا دەرھال خەۋەر قىلىشقا بۇيرۇلغان.
تۇڭگان ئاممىسى ساقچىلارنىڭ قاتتىق كونترول قىلىشى نەتىجىسىدە قارشىلىق كۆرسىتىشكە پېتىنالمىغان. بىرەر سائەت ئۆتكەندىن كېيىن 30 يىللىق تارىخقا ئىگە مەسچىت چېقىپ تۈزلىۋېتىلگەن. ساقچىلار يەنە كىشىلەرنىڭ سۈرەتكە تارتىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەسچىت چېقىلغان ئورۇنغا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كۆزىتىش ئۈسكۈنىسى ئورناتقان.
ئۇندىن باشقا بۇ يىل 11-ئاپرېلدا گەنسۇ ئۆلكىسى لىنشيا ناھىيەسىدىكى بىر مەسچىتىنىڭ بىر بۆلىكى چېقىۋېتىلگەن ۋاقىتتىمۇ خىتاي دائىرىلىرى ئوخشاش تەدبىرلەرنى قوللانغان. ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر نەچچە كىشى مەزكۇر ۋەقەنى سۈرەتكە تارتىپ تارقاتقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان.

بۇ خەۋەر 1343 قېتىم كۆرۈلدى
27/06/2019 14:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق