نۇزۇگۇم جەمئىيىتى ئۆسمۈرلەرنى دالا پائالىيىتىگە تەشكىللىدى

25-ئىيۇن نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى جەمئىيەتتىن ياردەم ئېلىۋاتقان يۈزگە يېقىن ئۆسمۈرنى ئىستانبۇلنىڭ كوجائەلى رايونىدىكى ئورمانلىققا ئاپىرىپ، دالا پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

بۇ قېتىملىق دالا پائالىيىتى ئالدى بىلەن ئورمانلىقتا ناشتا قىلىش بىلەن باشلانغان بولۇپ، كەينىدىن ئورمانلىق ئىچىدىكى ھايۋاناتلار باغچىسىنى زىيارەت قىلىش، قۇشلارنى ۋە ئۆسۈملۈكلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقىش، ئات مىنىش، ھەرخىل ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرىنى ئويناش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن داۋاملاشقان.

بالىلار دالا پائالىيىتى ھەققىدە ئۆز تەسىراتىنى سۆزلەپ، ئۆزلىرىنىڭ ناھايىتى خۇشال بىر كۈننى ئۆتكۈزگەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ كۆپرەك ئۆتكۈزۈلۈشىنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئاتا-ئانىلارمۇ بالىلار ئۈچۈن بۇنداق ياخشى بىر پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن ناھايىتى خۇرسەن بولغانلىقىنى، بالىلىرىنىڭ تەبىئەت بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى ئېيتىپ، رەھمىتىنى بىلدۈرگەن.

نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇر خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ كېلىۋاتقان كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ خىل پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 2437 قېتىم كۆرۈلدى
29/06/2021 00:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق