مائارىپ ئائىلىسى يۇقۇمدىن بۇيان تۇنجى قېتىم يىغىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 2-ئىيۇل ئاۋجىلار رايونىدىكى دېڭىز ساھىلىدا خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىدىن بۇيانقى تۇنجى چوڭ تىپتىكى يىغىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. 

پائالىيەتتە ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ دىنىي، مىللىي ۋە سىياسىي تەرەپلەرنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر سىستېمىلىق ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلەپ ئۆتتى. ئارقىدىن مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى خىزمەتلىرى، ئېرىشكەن نەتىجىلىرى ۋە ئالدىنقى بىر يىل ئىچىدە تۈزگەن پىلانلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى ھەققىدە، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختالدى.

ئارقىدىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۆز ئىچىدىن ھالقىپ، دۇنياغا ئوچۇق-ئاشكارا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت قارا نىيىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بارلىق كۈچىنى خىتايغا قارشى مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. 

ئاخىرىدا سابىق پارلامېنت ئەزاسى دوكتور جەلال ئەرباينىڭ باشچىلىقىدا خىتاينىڭ ھالاكىتى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تېزرەك زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى ھەققىدە دۇئا قىلىندى.

بۇ خەۋەر 1616 قېتىم كۆرۈلدى
02/07/2021 21:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق