دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

بۇندىن 12 يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.
بۈگۈن خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا «ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققىچە» تېمىسىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىش ئۈچۈن ئەتىگەن سائەت توققۇزدىن باشلاپلا ئىستانبۇلنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن يولغا چىققان ئۈچ مىڭغا يېقىن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئەتراپىدىكى ساھىلغا يىغىلدى. نامايىشچىلار سائەت ئوندا قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ۋە «مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق توختىتىلسۇن!»، «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇمايمىز» دېگەن شوئارلار يېزىلغان پىلاكات، تاختايلارنى كۆتۈرگەن ھالدا خىتايغا قارشى تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاپ، خىتاي كونسۇلخانىسىغا يېقىن كوچىغا يېتىپ كەلدى.
نامايىشنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ تەشكىللىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەقفى، ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەقفى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفى ۋە ئىلى مەشرىپى قاتارلىق تەشكىلات، جەمئىيەتلەرنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن تەشكىللەنگەن بولۇپ، 3000 غا يېقىن كىشى ئىشتىراك قىلدى.
نامايىشتا ئالدى بىلەن تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۆلەت مارشى ئوقۇلغاندىن كېيىن، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ باياناتىدا 12 يىل ئىلگىرى خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدە قىرغىنچىلىق سادىر قىلغانلىقىنى، نەچچە مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغانلىقىنى، خىتاي شۇندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئۆلىمالار، زىيالىيلار دەپ ئايرىماستىن، خەلقنى زور تۈركۈمدە تۇتقۇن قىلىپ قىرغىن قىلغانلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقىنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋوللىرى بولغان مەسچىت ۋە ئۆي-ئىمارەتلەرنى چېقىپ ئۆزگەرتكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى ھەمدە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە قېرىنداش تەشكىلاتلار نامىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۈرۈمچىدە كونسۇلخانا تەسىس قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام ئەرەبچە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ 12 يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلغانلىقىنى، نۆۋەتتە تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ئىسلام ئەللىرىنىڭ مۇسۇلمانلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي باستۇرۇشلىرىغا قارشى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى تەرەپتە تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا مۇسۇلمان دۇنياسىنى خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ئارقىلىق مەيدانىنى بىلدۈرۈشكە چاقىردى.

ئارقىدىن تۈركىيەدىكى تونۇلغان دىنىي ئۆلىما دوكتور ئېھسان شەنئوجاق تېلېفون ئارقىلىق سۆز قىلدى. ئۇ سالامەتلىكى سەۋەبلىك نامايىشقا قاتنىشالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسچىتلەرنى چاققان، ئىززەت-ھۆرمەتنى دەپسەندە قىلغان خىتاينىڭ خۇددى تارىختىكى رىملىقلار مەغلۇپ بولغىنىدەك ھامان بىر كۈنى ۋەيران بولىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈمىدىنى يوقاتمىسىلا، خىتاي ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدىغانلىقىنى، تۈركىيە ۋە ئىسلام ئەللىرىنى خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلىرى ھەققىدىكى دوكلاتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللاش-قوللىماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، خىتايغا قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، ئىسلام ۋە تۈركلۈك نامىدا قۇرۇلغان تەشكىلاتلاردا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلمىسە، بۇ خىل تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز نامىغا ھەرگىز لايىق ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

نامايىشقا يەنە دوكتور ئېھسان شەنئوجاقنىڭ تالىپى سەلىم سارھانمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ دوكتورغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەرۋاقىت شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپلا قالماي، پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنى يۇتۇۋېلىش قارا نىيىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئىپادىلەپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا قارشى سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد سۆز قىلىپ، تۈركىيە خەلقىنىڭ خىتايغا قارشى شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ئىشىنىدىغانلىقىنى، بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى سەرپ قىلىپ، خىتايغا ھەرىكەتكە ئۆتۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ھۆر دەۋا پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى شارافەتتىن گۈلەي قىسقىچە سۆز قىلىپ، ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن قوزغىلىپ كەتكەن دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئۈن چىقارمىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىدىغان پەيتنىڭ ئاللىبۇرۇن يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.


«ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققىچە» تېمىسىدىكى نامايىش يەنە تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە، كونيا، كاستامونۇ، سامسۇن، قەھرىمانماراش ۋە مالاتيا قاتارلىق ۋىلايەت، شەھەرلىرىدىمۇ بىر تۇتاش ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، شۇ رايوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەرقايسى قوللىغۇچى تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەپ نامايىش قىلغان.

بۈگۈن يەنە ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى»نى خاتىرىلەپ نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نامايىشقا 300 گە يېقىن ئادەم قاتناشقان. ئۇندىن باشقا بۈگۈن يەنە كۇۋەيت، ھىندونېزىيە، فىرانسىيە، گوللاندىيە، كانادا، مالايشىيا، ياپونىيە ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ھەرقايسى تەشكىلاتلار ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەپ خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن.

بۇ خەۋەر 1111 قېتىم كۆرۈلدى
05/07/2021 23:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق