2021-يىللىق ئۇيغۇر لوڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

ئىستانبۇلدا 8-ئىيۇلدىن 9- ئىيۇلغىچە شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئىككى كۈنلۈك ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقە ئىستانبۇل سەفاكۆي شائىر نەدىم باغچى مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، جەمئىي بەش كوماندا قاتناشتى.
مۇسابىقە قىزغىن، دوستانە كەيپىيات ئىچىدە داۋام قىلغان بولۇپ، كوماندىلار ئۆزلىرىنىڭ ماھارەتلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 9-ئىيۇل كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئاخىرىدا خاقانىيە كوماندىسى 58 نومۇر بىلەن بىرىنچىلىككە، سەفاكۆي كوماندىسى 46 نومۇر بىلەن ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى.
بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن كوماندىغا بېرىلىدىغان لوڭقا ۋە مۇكاپاتنى شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى رەئىسى تاھىر كۆك بايراق تارقىتىپ بەردى. ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن كوماندىغا بېرىلىدىغان لوڭقا ۋە مۇكاپاتنى جەمئىيەتنىڭ باش كاتىپى مۇھەممەد ئۆمەر ئەپەندى تارقىتىپ بەردى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تاھىر ئەپەندى مۇسابىقىنىڭ دوستانە كەيپىيات ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقانلىقىنى، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ خىل مۇسابىقىلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، تەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۈچلۈك ھەسسە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، مۇسابىقىنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ -قۇۋۋەتلىگەن كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 1040 قېتىم كۆرۈلدى
12/07/2021 22:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق