تولۇق ئوتتۇرىغا كۆچۈش ئىمتىھانىدا يۇقىرى نەتىجە ئالغان ئوقۇغۇچىلار مۇكاپاتلاندى

9- ئىيۇل كۈنى ئىستانبۇل سافاكۆي ساماۋەر چايخانىسىدا «ئۈمىد پىروگراممىسى» ئۆتكۈزۈلدى. پروگراممىدا تولۇق ئوتتۇرىغا كۆچۈش ئىمتىھانى (LGS) دا يۇقىرى نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىلار مۇكاپاتلاندى.
پىروگراممىنى شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپى، ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەخپى، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتكە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايتۇللاھ ئوغۇزخان، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى رەئىسى دوكتور ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇرخانىم، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپى رەئىسى ئابدۇكېرەم بۇغرا، شەرقىي تۈركىستان ئارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان، سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى دوكتورانتى ئابدۇرېھىم دۆلەت ئەپەندى قاتارلىق يېتەكچى ئۇستازلار ئىشتىراك قىلدى ھەمدە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئىلمىي ساھەدە كۆپلەپ يېتىشتۈرۈش دەۋرىمىزنىڭ جىددىي ئېھتىياجى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.
پىروگراممىمىغا سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى كونيا شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، پىروگرامما شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى ئۇستاز مەھمۇدجان داموللانىڭ قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. پىروگراممىدا ئىمتاھاندا 424 دىن 465 گىچە نومۇرغا ئېرىشكەن جەمىلە تارىم، دىلارە ئۆزتۈرك، نەفىسە نۇرئەلى، ھەبىبە ئۇيغۇر، مۇنەۋۋەر ئوغۇر قاتارلىق بەش ئوقۇغۇچىغا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات تارقىتىلغان بولۇپ، ئايرىم – ئايرىم ھالدا 465 نومۇرغا ئېرىشكەن جەمىلە تارىمغا ئون مىڭ لىرا قىممىتىدىكى ئالما ماركىلىق كومپيوتېر، دىلارە ئۆزتۈرك بىلەن نەفىسە نۇرئەلىگە 7500 لىرا قىممىتىدىكى كومپيۇتېر، ھەبىبە ئۇيغۇر بىلەن مۇنەۋۋەر ئۇغۇرغا بەش مىڭ لىرا قىممىتىدىكى قول كومپيۇتېرى مۇكاپات بېرىلدى. ئۇلارنىڭ مۇكاپات بۇيۇمىنى دوكتور ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، رەئىس ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان، مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم قاتارلىقلار تارقىتىپ بەردى.
يەتتە ئوقۇغۇچى ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇلارغا 500 لىرادىن نەق پۇل مۇكاپات بېرىلدى. ئۇندىن باشقا پىروگراممىغا تىزىملاتقان 54 نەپەر ئوقۇغۇچىغا بىردىن مەكتەپ سومكىسى ھەدىيە قىلىندى.

بۇ خەۋەر 1054 قېتىم كۆرۈلدى
12/07/2021 23:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق