تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ بوسنىيە زىيارىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتىنىڭ بوسنىيە گېرتسېگوۋىنادىكى ئۈچ كۈنلۈك ئاممىۋى دىپلوماتىيە زىيارىتى بۈگۈن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.
تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى زىيارەتنىڭ ئاخىرى كۈنىدە بوسنىيە مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدا قوماندان بولغان ھارۇن خودزىجنى زىيارەت قىلدى. ھارۇن ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا بوسنىيە خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرى ۋە پىداكارلىقلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى. زىيارەتچىلەر يەنە ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىشلىتىلگەن قوغدىنىش تونېللىرىنى زىيارەت قىلدى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى ئۈچ كۈنلۈك بوسنىيە زىيارىتى داۋامىدا خەلقئارا دېموكراتچىلار بىرلىكى، ھەسەنە خەلقئارا بالقانلار رايونى مەركىزى، سارايېۋو خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە يەرلىك تەشكىلاتلار بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇندىن كېيىن بوسنىيە ۋە بالقان دۆلەتلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك سىياسىي پائالىيەتلەر ۋە خىزمەتلەر ھەققىدە سۆھبەتلەشتى، شۇنداقلا ئوقۇ-ئوقۇتۇش جەھەتتىكى ھەمكارلىق ھەققىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇردى.

بۇ خەۋەر 1591 قېتىم كۆرۈلدى
18/07/2021 17:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق