شەرقىي تۈركىستان ياردەم گۇرۇپپىسى تۈركىيەنىڭ ئاپەت رايونىغا يېتىپ باردى

تۈركىيەنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە زىيانغا ئۇچرىغان خەلقتىن ھال سوراش ۋە ئېھتىياجلىق ياردەملەرنى سۇنۇش ئۈچۈن، بىر گۇرۇپپا پىدائىيلار بۈگۈن ئانتاليانىڭ ماناۋگاتقا يېتىپ باردى.

مەزكۇر پىدائىيلار خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە تەۋە شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل  ھەرىكىتى، كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى خادىملىرىنىڭ قاتنىشىشى ۋە باشقا ئون نەچچە تەشكىلاتنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا تەشكىللەنگەن.

تۈنۈگۈن ئاخشام ئىستانبۇلدىن تۆت ماشىنا، ئەنقەرەدىن بىر ماشىنا ۋە كونيادىن بىر ماشىنا بولۇپ، جەمئىي 36 پىدائىي شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن يولغا چىقتى ۋە بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق ئاپەت رايونلىرىدىن بىرى بولغان ئانتاليانىڭ ماناۋگاتقا ساق-سالامەت يېتىپ باردى.

ياردەم گۇرۇپپىسىنى تۈركىيە قىزىل ئاي تەشكىلاتى ياردەم مەركىزىدە كۈتۈۋالغان بولۇپ، ئېغىر كۈنلەردە تۈركىيە خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە رەھمىتىنى بىلدۈردى. قىزىل ئاي مەسئۇللىرى يەنە ئوت كەتكەن رايونلارغا ھازىرچە پەقەت كەسپىي ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرىنىڭ ۋە ئالاقىدار خادىملارنىڭلا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

شەرقىي تۈركىستانلىقلار ياردەم گۇرۇپپىسى بۈگۈن قىسقىچە ئورۇنلاشتۇرۇشتىن كېيىن ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈندى ۋە بىر گۇرۇپپا كىشى 3000 كىشىلىك پولۇ ئېتىپ، ئاپەت رايونىدىكى خەلققە تارقاتقان بولسا، يەنە بىر گۇرۇپپا ماناۋگات ئەتراپىدىكى ياردەم بۇيۇملىرى ئامبىرىغا بېرىپ، توشۇش، رەتلەش، يەتكۈزۈش قاتارلىق ئارقا سەپ خىزمەتلىرىگە ياردەملىشىپ، ياردەم خىزمىتىنى رەسمىي باشلىۋەتتى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە تۈركىيەنىڭ 34 ۋىلايىتىدىكى 160 رايوندا ئوت ئاپىتى كونترول قىلىنغان بولۇپ، يەنە بەش ۋىلايەتتىكى 14 رايوندا ئوت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

بۇ خەۋەر 6821 قېتىم كۆرۈلدى
04/08/2021 17:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق