شەرقىي تۈركىستان ياردەم گۇرۇپپىسىنىڭ ئاپەت رايونىدىكى خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيەنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە زىيانغا ئۇچرىغان خەلقتىن ھال سوراش ۋە ئېھتىياجلىق ياردەملەرنى سۇنۇش ئۈچۈن، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە تەۋە شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل  ھەرىكىتى، كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى خادىملىرىنىڭ قاتنىشىشى ۋە باشقا ئون نەچچە تەشكىلاتنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا تەشكىللەنگەن جەمئىي 36  كىشىلىك بىر گۇرۇپپا پىدائىيلار تۈنۈگۈن ئانتاليانىڭ ماناۋگات ناھىيەسىگە يېتىپ بارغان ئىدى.

ياردەم گۇرۇپپىسىنى تۈركىيە قىزىل ئاي تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، ئېغىر كۈنلەردە تۈركىيە خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە رەھمىتىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىمۇ تۈركىيەدىكى يەرلىك خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالدى.

شەرقىي تۈركىستانلىقلار ياردەم گۇرۇپپىسى تۈنۈگۈن ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، بىر گۇرۇپپا كىشى 3000 كىشىلىك پولۇ ئېتىپ، ئاپەت رايونىدىكى خەلققە تارقاتقان بولسا، يەنە بىر گۇرۇپپا ماناۋگات ئەتراپىدىكى ياردەم بۇيۇملىرى ئامبىرىغا بېرىپ، توشۇش، رەتلەش، يەتكۈزۈش قاتارلىق ئارقا سەپ خىزمەتلىرىگە ياردەملىشىپ، ياردەم خىزمىتىنى رەسمىي باشلىۋەتكەنىدى.

ياردەم گۇرۇپپىسى بۈگۈن ئەتىگەندىلا يەنە ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن ھالدا جىددىي خىزمەتكە چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، بىر گۇرۇپپا جىددىي ياردەم مەركىزىدىكى خىزمەتلەرگە ياردەم بېرىش، ئىككىنچى گۇرۇپپا ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم تارقىتىش، ئۈچىنچى گۇرۇپپا بولسا ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ئوت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان جايلاردىكى خىزمەتچىلەردىن ھال سوراش ۋە ياردەمدە بولۇش خىزمەتلىرىنى قىلىۋاتقان بولۇپ، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن يەنە 6000 كىشىلىك ئۇيغۇر پولۇسى تارقىتىلدى.

بۇ خەۋەر 5996 قېتىم كۆرۈلدى
05/08/2021 18:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق