4-نۆۋەتلىك «ھۇررا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى

شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشىدىكى 4-نۆۋەتلىك «ھۇررا» لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى 15-ئاۋغۇست غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.

ئاخىرقى كۈنىدە ئالدى بىلەن ئۈچىنچىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىسى دولان كوماندىسى بىلەن تەكلىماكان كوماندىسى ئارىسىدا ئوينالدى. تاماشىبىنلارنىڭ كۈتكىنىدەك بۇ مەيدان مۇسابىقە ناھايىتى كەسكىن داۋاملاشقان بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇداپىئەسى كۈچلۈك بولغانلىقى سەۋەبلىك، ئىككى تەرەپ خېلى ئۇزۇنغىچە توپ ئۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى. ئاخىردا دولان كوماندىسى نۆلگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلىپ، ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى.

چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئانا يۇرت كوماندىسى بىلەن ئىلى مەشرەپ كوماندىسى ئارىسىدا ئوينالدى. مۇسابىقە قاتتىق مۇداپىئە، يۇقىرى ماھارەت، كەسكىن ۋە دوستانە رىقابەت ئىچىدە داۋاملاشتى. ئۈچ توپ ئارقىدا قالغان ئىلى مەشرەپ كوماندىسى قاتتىق ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، مۇسابىقە تۈگەشكە ئاز قالغاندا توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. مۇسابىقە ئۇزارتىلغاندىن كېيىن، ئانا يۇرت كوماندىسى ئاخىرقى ۋاقىتتا بىر توپ كىرگۈزۈپ، ئىلى مەشرەپ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

بىر نەچچە كۈن داۋاملاشقان 4-نۆۋەتلىك «ھۇررا» لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئانا يۇرت كوماندىسى چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن بولۇپ، كوماندىغا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى، كوماندا ئەزالىرىغا ئالتۇن رەڭلىك مېدال مۇكاپات بېرىلدى. مۇكاپات بۇيۇمىنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تارقىتىپ بەردى. ئىلى مەشرەپ كوماندىسى ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن بولۇپ، كوماندىغا لوڭقا، ھەربىر كوماندا ئەزاسىغا كۈمۈش رەڭلىك مېدال مۇكاپات بېرىلدى. مۇكاپات بۇيۇمىنى كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇرېھىم ئەزىزئوغلى تارقىتىپ بەردى. دولان كوماندىسى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن بولۇپ، كوماندىغا بىر لوڭقا، ھەربىر كوماندا ئەزاسىغا بىردىن مىس رەڭلىك مېدال مۇكاپات بېرىلدى. مۇكاپات بۇيۇمىنى شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان تارقىتىپ بەردى. مەزكۇر ئۈچ كوماندا يەنە ئوخشىمىغان سوممىدا مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

بۇلاردىن سىرت يەنە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى نىزامىدىن تەمكىنىي، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە تەتقىقات ۋەقفىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېشىت ئەمىن، شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تاھىر كۆك بايراق قاتارلىقلار مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى، مۇنەۋۋەر ۋاراتار ۋە مۇنەۋۋەر رېپىرغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.

بۇ خەۋەر 1504 قېتىم كۆرۈلدى
16/08/2021 14:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق