دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى تالىبانلار ۋە ئافغانىستان خەلقىگە مەكتۇپ يازدى

دۇنيا ئىسلام ئالىملار بىرلىكى رەئىسى شەيخ ئەھمەد رەيسۇنى 16-ئاۋغۇست «ئافغانىستان خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرىگە» ماۋزۇلۇق مەكتۇپ يازغان.

مەكتۇپتا بىرلىكتىكى ئۆلىمالارنىڭ ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن ئەڭ يېڭى تەرەققىياتلارغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا ئىزچىل كۆزىتىپ، تەتقىق قىلىپ كەلگەنلىكى، جۈملىدىن بىرلىكنىڭ ئافغانىستان خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ يېڭى رەھبەرلىكىگە نېمىلەرنى قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقى ھەققىدە ئىزدەنگەنلىكى، ئافغانىستاندا يېقىنقى مەزگىللەردە، بولۇپمۇ يېقىنقى ئىككى كۈندە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەردىن ئۈمىدۋار ۋە رازى بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەكتۇپتا يەنە دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئافغانىستان خەلقى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىنى، بولۇپمۇ تالىباننىڭ تىنچلىق ئۇسۇلى بىلەن قان تۆكمەي كابۇل شەھىرىگە كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەيدىغانلىقى، ئىلگىرىمۇ تالىباننىڭ دوھادا چەت ئەل قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چىقىپ كېتىشى ھەققىدە قىلىنغان سۆھبەت ۋە كېلىشىمنامىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى، تالىباننىڭ دوھادىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئالاقە قىلغانلىقى، كابۇلغا كىرىشتە تالىبانلار بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ھەمكارلىشىشى نەتىجىسىدە قان تۆكۈلۈش بولمىغانلىقى، شۇ سەۋەبلىك ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە تالىباننى تەبرىكلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

 مەكتۇپتا يەنە تالىبان تەرەپنىڭ ئومۇمىي كەچۈرۈم ئېلان قىلىپ، ئافغانىستان خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغانلىقى، تالىبانلار كىرگەن ۋە تۈرمىدىكى مەھبۇسلارنى قۇتۇلدۇرغاندا خەلقىنىڭ جېنى ۋە مال-مۈلكىنىڭ ئامان بولغانلىقى، ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋېلىش داۋامىدا باشقا دۆلەتلەردە يۈز بەرگىنىدەك خەلقنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ئەھۋاللارنىڭ بولمىغانلىقى، تالىبانلارنىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلەيدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 3572 قېتىم كۆرۈلدى
17/08/2021 12:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق