تالىبان: ئىسلام ئۆلىمالىرى كومىتېتى ئاياللارنىڭ ھوقۇقى ھەققىدە قارار چىقىرىدۇ

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 19-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تالىباننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى ۋەھىدۇللاھ ھاشىمى تالىبانلارنىڭ سىياسىتى ھەققىدە توختۇلۇپ، ئاياللارنىڭ ئافغانىستاندىكى رولى، ئۇلارنىڭ ئىشلەش ۋە تەلىم -تەربىيە ئىشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قانداق كىيىنىشى كېرەكلىكىنى ئاخىرقى ھېسابتا ئىسلام ئۆلىمالىرى كېڭىشى قارار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تالىبان باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد پايتەخت كابۇلدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەرلىك ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. ئۇ ئافغانىستاندىكى بارلىق پارتىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ۋە ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە «ئىسلام ھۆكۈمىتى» قۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان بىر كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ تالىباننىڭ سابىق ھەربىي ئەمەلدارلار ۋە چەت ئەل كۈچلىرى بىلەن ھەمكارلاشقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېچكىمدىن ئۆچ ئېلىش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى ۋە «ھەممەيلەننى كەچۈرۈم قىلغانلىقلىرى»نى تىلغا ئېلىپ، ئافغانىستان ئاياللىرىنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ «ئىسلام ئاساسىدا» كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقىنى، ئاياللارغا ئايرىمچىلىق قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

زەبىھۇللاھ مۇجاھىد يەنە بارلىق مېدىيا ئورگانلىرىنىڭ پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى خالايدىغانلىقلىرىنى، ئافغانىستاننىڭ ھەر قانداق بىر دۆلەتكە تەھدىت بولمايدىغانلىقىنى ۋە بۇ دۆلەتتىكى ئەلچىخانىلارنىڭ پۈتۈنلەي بىخەتەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، غەرب دۇنياسى تالىباننىڭ قىز-ئاياللارغا قانداق سىياسەت قوللىنىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار: «بىز تالىبان ھاكىمىيىتىنىڭ سۆزىگە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە، تېررورلۇق ، جىنايەت ۋە زەھەرلىك چېكىملىككە تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىككە تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە قىزلارنىڭ مائارىپ ھوقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىغا قارايمىز» دېيىشكەن .

ۋەھىدۇللاھ ھاشىمى مۇخبىرلارنىڭ دۆلەت تۈزىمىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «%99.99 ئافغانىستانلىق مۇسۇلمان، ئۇلار ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدۇ. سىز قايسى قانۇنغا ئىشەنسىڭىز، چوقۇم شۇ قانۇننى يۈرگۈزۈشىڭىز كېرەك. بىزنىڭ قانۇنىمىز شەرىئەتتۇر. بىزنىڭ ناھايىتى داڭلىق ئۆلىمالار كېڭىشىمىز بار. ئۇلار نېمە قىلىش ھەققىدە قارار قىلىدۇ» دېگەن.

ۋەھىدۇللاھ ھاشىمى يەنە: «گەرچە تالىبانلار يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئافغانىستاندا نۇرغۇن يەرنى فەتھى قىلغان بولسىمۇ، كابۇلنى فەتھى قىلىشنى بۇنچە تېز بولىدۇ دەپ ئويلىمىغان ئىدى، ئەمما پىرېزىدېنت ئەشرەف غەنى ئافغانىستاندىن قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، پايتەختتە قالايمىقانچىلىق يۈز بەردى. شۇڭا رەھبەرلىرىمىز كابۇلغا كىرىشكە بۇيرۇدى. بىز كابۇلغا كىرگەندە ھېچكىم قارشىلىق كۆرسەتمىدى. شۇڭا بىز كابۇلنى ئىگىلەپ كونترول قىلدۇق» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 3629 قېتىم كۆرۈلدى
20/08/2021 14:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق