مائارىپ جەمئىيىتى ئانا تىل يەسلىسى ۋە قۇرئان كۇرسىنىڭ ئىككى يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسى 20-ئاۋغۇست ئانا تىل يەسلىسى ۋە قۇرئان كۇرسىنىڭ 2020-، 2021-يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى. 

مۇراسىم ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇشى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ئالدى بىلەن ھەر بىر سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئۈچۈن تەييارلىغان قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، شېئىر ئوقۇش ۋە ئانا تىلدا سۆزلەش، ناخشا ئېيتىش قاتارلىقلار نومۇرلىرىنى تەقدىم قىلدى.

مۇراسىمدا ئانا تىل يەسلىسى ۋە قۇرئان كۇرسىنىڭ مۇدىرى خۇرشىد ئارتىش خانىم ئىككى يىل جەريانىدا ئانا تىل ئوقۇتۇش، قۇرئان ساۋاتىنى چىقىرىش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. 

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خۇرشىد ئارتىش خانىم بۇ يىللىق ئوقۇتۇش پىلانىنى تونۇشتۇرۇپ، بۇ يىللىق ئوقۇتۇشنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىنىڭ قۇرئان كەرىم ۋە گۈزەل ئەخلاق ۋە ئانا تىل ئوقۇتۇشى ئىكەنلىكىنى، كۇرستا ئۆتۈلىدىغان دەرسلەرنىڭ قۇرئان كەرىم، تەجۋىد، ئەخلاق تەربىيەسى، ئەنئەنىۋى ئويۇن، مەكتەپ ئۈچۈن تەييارلىق دەرسلەر ۋە دالا پائالىيىتى ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسىدىن بىرى ئانا تىل تەربىيەسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا مىللەتنى سۆيۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىپادىسىنىڭ پەرزەنتلەرگە ئانا تىل ئۆگىتىش ئىكەنلىكىنى، بىر مىللەتنى ئاسسىمىلياتىسيە بولۇپ كېتىشتىن ساقلاپ قالايدىغان ئامىللارنىڭ بىرى شۇ مىللەتنىڭ تىلى ئىكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبلىك ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىل ئوقۇتۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۆسمۈرلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ يەسلىدە ناھايىتى ياخشى تەربىيەلەنگەنلىكىنى، نۇرغۇنلىغان ساۋاقداشلىرى بىلەن تونۇشۇپ دوستلۇق ئورناتقانلىقىنى، ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇلارغا تۈرلۈك بىلىملەرنى ئۆگەتكەنلىكىنى، يەسلىنى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئۇزۇندىن بېرى خىتاينىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەقسىتىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي خىتاي تىلى ئوقۇتۇش ۋە ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەشتىن ئىبارەت تېررور سىياسىتىگە قارشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئانا تىل تەربىيەسى ۋە دىنىي ئوقۇتۇش بىلەن تەربىيەلەپ كەلگەن بولۇپ، بالىلار ئارىسىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىيەلمەسلىك، ئوقۇش-يېزىشنى بىلمەسلىك مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنماقتا.

بۇ خەۋەر 1129 قېتىم كۆرۈلدى
21/08/2021 14:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق