قەھرىمانماراشتا ۋەتەنپەرۋەرلىك ساياھەت پائالىيىتى داۋاملاشماقتا

سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى ۋە تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزى بىرلىكتە 40قا يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى تۆت كۈنلۈك قەھرىمانماراش ساياھەت پائالىيىتىگە تەشكىللىدى.

مەزكۇر ساياھەت پائالىيىتىنى قەھرىمانماراش شەھىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇشتا كەلگۈسى ئەۋلادلاردا ۋەتەننى سۆيىدىغان، ۋەتىنى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان، زالىمغا قارشى تۇرالايدىغان روھنى يېتىلدۈرۈش، ۋەتەن، مىللەت ۋە دىنىي ئېڭىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، تۆت كۈن جەريانىدا قەھرىمانماراشتىكى داڭلىق ساياھەت ئورۇنلىرى، مەشھۇر تارىخىي ئورۇنلارنى زىيارەت قىلىش ۋە باشقا تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

قەھرىمانماراش زالىملار ۋە تاجاۋۇزچىلارغا قارشى تۇرۇشتا نامى مەشھۇر بىر تارىخىي شەھەر بولۇپ، سۈتچى ئىمامغا ئوخشاش قەھرىمانلىق ھېكايىلىرى، «قەھرىمانماراش بىزگە مازار بولماستىن، دۈشمەنگە گۈلزار بولماس» دېگەندەك نۇرغۇنلىغان ماقال-تەمسىللەر تارقالغان.

بۇ خەۋەر 1245 قېتىم كۆرۈلدى
24/08/2021 14:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق