تەشكىلاتلار بىرلىكى ئەنقەرەدە بىر قاتار زىيارەتلەردە بولدى

24-ئاۋغۇست خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەيئەت ئەنقەرەدە بىر قاتار زىيارەتلەردە بولدى. 

ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىدىن ئادىل مۇھەممەتئوغلى قاتارلىقلاردىن تەشكىللەندى. 

ھەيئەت ئالدى بىلەن ئەنقەرە ئۆلكە ئوجاقلىرىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دېنىز گۈزەلئاينىڭ ئىشخانىسىدا زىيارەتتە بولدى. زىيارەت داۋامىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى تونۇشتۇرۇلدى ھەمدە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى. ئاخىرىدا ھەيئەت دېنىز گۈزەلئاي ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن خاتىرە بۇيۇم تەقدىم قىلدى. 

ئارقىدىن ھەيئەت سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا ۋە تەتقىقاتچى، ژۇرنالىست مىركامىلجان قەشقەرىينىڭ قېتىلىشى بىلەن ئىجتىمائىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى پىروفېسسور، دوكتور مۇسا كازىم ئارىجاننى زىيارەت قىلدى.

زىيارەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغاندىن سىرت، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىچىدىن ئىقتىدارلىق كىشىلەرنى يېتىلدۈرۈش، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئەھۋالى قاتارلىق تېمىلار مۇزاكىرە قىلىندى. ھەيئەت ئاخىرىدا دوكتور مۇسا كازىم ئارىجانغا ئۇيغۇر شائىرى نىمشېھىتنىڭ «بىلىم ئىشقىدا» ناملىق مەشھۇر شېئىرى چۈشۈرۈلگەن ھۆسنخەت تەقدىم قىلدى.

بۇ خەۋەر 1155 قېتىم كۆرۈلدى
25/08/2021 10:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق