كۆك ئاي جەمئىيىتى كىشىلەرنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە

شەرقىي تۈركىستان كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى تۈركىيەدىكى قىيىنچىلىقى بار ئۇيغۇرلارنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، بىر تۈركۈم تىككۈچىلىك ماشىنىسى تارقاتتى.

جەمئىيەت قۇرۇلغان قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خەلقئارا جەمئىيەتتىكى بىر نەچچە ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى ۋە ۋەقفىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەر جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ قېتىم تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، 21 ئائىلىگە بىردىن تىككۈچىلىك ماشىنىسى تارقىتىپ بەردى.

جەمئىيەت رەئىسى ئابدۇرېھىم ئەزىزئوغلىنىڭ ئېيتىشىچە، جەمئىيەت بۇلتۇر 10 يۈرۈش تىككۈچىلىك ماشىنىسىنى سىناق تەرىقىسىدە قىيىنچىلىقى بار 10 ئائىلىگە تارقىتىپ بەرگەن بولۇپ، ئۈنۈمى ياخشى بولغان. تىككۈچىلىك ماشىنىسى تارقىتىلغان ئائىلىلەر تىرىشىپ ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىدىن چىققان.

نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياردەمگە ئېھتىياجلىق 3000 غا يېقىن ئائىلە بار بولۇپ، بۇلار ئىچىدە 600 گە يېقىن ئائىلىدە تۇل ئايال بار ئىكەن. كۆك ئاي جەمئىيىتى بۇ قېتىم بۇلارنىڭ ئىچىدىن پەرزەنتلىرى كۆپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەش شارائىتى بولمىغان 21 تۇل ئايالنى تاللاپ، ھەر بىر ئائىلىگە بىردىن تىككۈچىلىك ماشىنىسى تارقىتىپ بەرگەن.

ياردەمگە ئېرىشكەن ئاياللار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆيدە پەرزەنتلىرىنىڭ دادىسى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاشقا بەل باغلىغانلىقىنى، ياردەم تارقاتقان كۆك ئاي جەمئىيىتىگە، شۇنداقلا ھەمكارلاشقان ۋە قوللىغان بارلىق ساخاۋەتچىلەرگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 1318 قېتىم كۆرۈلدى
26/08/2021 10:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق