سۈتچى ئىمام - بىر ئىنقىلابنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەب بولغان كىشى

سۈتچى ئىمام 1871-يىلى تۈركىيەنىڭ قەھرىمانماراش ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان. سۈتچى ئىمامنىڭ ئىسمى ئەسلىدە ئىمام بولۇپ، سۈت ساتىدىغان بولغاچقا «سۈتچى ئىمام» دەپ ئاتالغانىدى. 

ئوسمان ئىمپېرىيەسى 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا (1914-يىلىدىن 1918-يىلىغىچە داۋاملاشقان) مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، كۆپ قىسىم زېمىنلىرىنى ئەنگلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بېسىۋالىدۇ. ئۇ يىللاردا سۈتچى ئىمامنىڭ يۇرتى بولغان قەھرىمانماراش بولسا فىرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا ئىدى. 

1919-يىلى 31-ئۆكتەبىر قەھرىمانماراش شەھىرىدىكى ئۈچ ئايال ھاممامدىن چىقىپ يولدا كېتىۋاتقاندا، ئەرمەنى مىللىتىدىن بولغان بىر نەچچە فىرانسۇز ئەسكىرى ئۇ ئاياللارنىڭ ئالدىنى توسۇپ: «بۇ جاي ئەمدى تۈرك زېمىنى ئەمەس، فىرانسىيە زېمىنى. فىرانسىيە زېمىنىدا ئاياللارنىڭ يۈزىنى يۆگەپ يۈرۈشىگە رۇخسەت يوق» دەپ مەجبۇرىي ھالدا يۈزىنى ئېچىۋەتمەكچى بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان چاقماقچى سائىت دېگەن كىشى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، فىرانسىيە ئەسكەرلىرىگە: «ھەي، نېمىش قىلىشىۋاتىسەن! بۇلار مېنىڭ ئاچا-سىڭىللىرىم، قولۇڭنى تارتىش!» دېگىنىچە ئېتىلىپ كېلىدۇ. بۇ چاغدا سائىت قورالسىز بولۇپ، كۆزلىرىگە قان تولغان دۈشمەن ئەسكەرلىرى سائىتنى نەق مەيداندا ئېتىۋېتىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا سائىتنىڭ يېنىدا سۈتچى ئىماممۇ بار بولۇپ، ئەھۋالنى كۆرگەن سۈتچى ئىمام يېنىدىن تاپانچىسىنى چىقارغىنىچە بىر توپ دۈشمەنگە قارشى ئۆزى يالغۇز ئۇرۇشقا كىرىدۇ. ئۇ ئېتىشىش جەريانىدا دۈشمەن ئەسكىرىدىن بىرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، يەنە بىرنى يارىدار قىلغاندىن كېيىن قېچىپ كېتىدۇ.

فىرانسىيە ئەسكەرلىرى ئەتىسى ئۆلگەن ئەسكىرى ئۈچۈن داغدۇغىلىق ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرگە، سۈتچى ئىمامنى تۇتۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. بۇ ۋەقەدىن كېيىن سۈتچى ئىمام ئېتىغا مىنىپ، ئاغابەيلى دېگەن يېزىغا كېتىدۇ ۋە يۈز بېشى مۇھەررەم بەيازىتنىڭ قوماندانلىقىدىكى قىسىمغا ئەسكەر بولۇپ كىرىدۇ. شۇنداق قىلىپ سۈتچى ئىمامنىڭ ئاتقان ئوقى ئەينى ۋاقىتتا قەھرىمانماراش ۋىلايىتىدىكى تۈرك خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلارغا قارشى قوراللىق ئىنقىلابىنىڭ باشلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. 

فىرانسىيە ئەسكەرلىرى تەرەپ-تەرەپكە ئەسكەر ئەۋەتىپ، سۈتچى ئىمامنى ناھايىتى قاتتىق ئىزدەيدۇ. تاپالمىغاندىن كېيىن خەلقنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭ نەگە قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىشكە مەجبۇرلاپ، قىيىن-قىستاققا ئالىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇلار سۈتچى ئىمامنىڭ تاغىسىنىڭ قادىر دېگەن ئوغلىنى تۇتۇۋېلىپ، سۈتچى ئىمامنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىسەن، دەپ، بۇرنى ۋە قۇلاقلىرىنى كېسىۋېتىپ قىيىن-قىستاققا ئالىدۇ ۋە ئاخىرى قىيناپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. ئەمما ھېچكىم سۈتچى ئىمامنىڭ جايىنى ئېيتىپ بەرمەيدۇ.

سۈتچى ئىمام ۋەقەسىدىن كېيىن فىرانسىيە ئەسكەرلىرى ئەرمەنلەردىن يەنە كۆپلەپ ئەسكەر ئېلىشقا باشلايدۇ. بۇ ئەسكەرلەر ئەتىگەندىن كەچكىچە شەھەر ئىچى-سىرتىدا تۈركلەرنى قالايمىقان ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ ۋە تۇتقۇن قىلىدۇ. نەتىجىدە شەھەرنىڭ خاتىرجەملىكى بۇزۇلىدۇ.

فىرانسىيە ئەسكەرلىرى شەھەرنىڭ تەرتىپىنى ساقلاش ئۈچۈن 1919-يىلى 1126-نويابىر ئادانا ۋىلايىتىدىن ئاندېرى دېگەن قومانداننى بىر قىسىم ئەسكەرلىرى بىلەن قەھرىمانماراشقا يۆتكەپ كېلىدۇ. ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، قەھرىمانماراشتىكى ئەمەلدارلار ئاندېرىنى كۈتۈۋېلىش يۈزىسىدىن ئۇنىڭ شەرىپىگە تانسا كېچىلىكى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ تانسا كېچىلىكىگە كۆپلىگەن مېھمانلار قاتنىشىدۇ. تانسا باشلىنىپ بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندە ئاندېرى بىر قومانداننىڭ ھېلېنا ئىسىملىك ناھايىتى كېلىشكەن ئايالىنى تانسىغا تەكلىپ قىلىدۇ. ئەمما كۈتمىگەندە ئۇ ئايال ئاندېرىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ: «سىزنىڭ تەكلىپىڭىزنى رەت قىلغانلىقىم ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىمەن. چۈنكى مەن شەھەر قەلئەلىرىدە تۈرك بايرىقى لەپىلدەپ تۇرغان بىر زېمىنغا فىرانسىيە ياكى ئەرمېنىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. شۇڭا سىز بىلەن تانسا ئوينىمايمەن».

 

بايراق ۋەقەسى

فىرانسۇز قوماندان ئاندېرى شۇنچە مېھمانلارنىڭ ئالدىدا كۈتۈلمىگەندە ھېلېنا دېگەن ئايالنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچراپ، قاتتىق خىجىل بولۇپ كېتىدۇ. ئاندېرى ئۆزىگە كەلگەندىن كېيىن غەزەپ بىلەن يېنىدىكى ئادىمىگە قاراپ، قەھرىمانماراش قەلئەسىدىكى تۈركىيە بايرىقىنى ئېلىۋېتىپ، ئورنىغا دەرھال فىرانسىيە بايرىقى چىقىرىشنى بۇيرۇيدۇ. بۇيرۇق دەرھال ئىجرا قىلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن فىرانسۇزلار ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە تانسىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. 

قەھرىمانماراش شەھىرىدە ئادۋوكاتلىق قىلىدىغان مەھمەت ئەلى دەپ بىر كىشى بار ئىدى. بۇ ئادەم 28-نويابىر سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ تالاغا چىققاندا، شەھەر قەلئەسىدىكى تۈرك بايرىقىنىڭ ئورنىدا فىرانسىيە بايرىقىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلىنىدۇ. ئۇ ئادەم دەرھال يېنىپ ئۆيىگە كىرىپ «پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارغا خىتاب» دەپ خىتابنامە يېزىپ، ئۇنى بىر قانچە نۇسخا كۆچۈرۈپ كۆپەيتىپ، ئوغلى شاھاپقا بېرىدۇ. شاھاپ خىتابنامىلەرنى ئېلىپ، سەھەردە شەھەر مەركىزىدىكى ئۇلۇ جامى قاتارلىق بىر قانچە مەسچىت ۋە چوڭ كوچا دوقمۇشلىرىنىڭ ئادەملەرنىڭ كۆزىگە ئاسان چېلىقىدىغان يەرلەرگە چاپلايدۇ. 

قەھرىمانماراش خەلقى ئەتىگەندە ئۆيلىرىدىن چىقىپ، ئىدارە-جەمئىيەت، بازار ۋە دۇكانلىرىنى ئېچىشقا ماڭىدۇ. خەلق بۇ جەرياندا مەسچىت ۋە يوللارغا چاپلانغان خىتابنامىنى ئوقۇپ، مەزمۇنىدىن خەۋەر تاپىدۇ. بۇ جۈمە كۈنى بولۇپ، خەلق جۈمە ۋاقتىدا ئېقىن-ئېقىن بولۇپ ئۇلۇ جامىغا كېلىشكە باشلايدۇ. ئۆز ئىچىدە تۈرك بايرىقىنىڭ چۈشۈرۈلۈپ، فىرانسىيە بايرىقىنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى بىر-بىرلىرىگە يەتكۈزۈپ، ئۆز ئارىسىدا خۇددى بەلگە ئوقنىڭ ئېتىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقاندەك تەييار بولۇپ تۇرۇشىدۇ. بۇ جەرياندا جامى ئىچى توشۇپ، كىشىلەر مەيدانلارغىمۇ پاتماي قالىدۇ. جۈمە ۋاقتى كەلگەندە رىدۋان دېگەن ئىمام مۇنبەرگە چىقىپ جامائەتكە: 

- مۇسۇلمانلار مەلۇم بىر جايدا جۈمە نامىزى ئوقۇماقچى بولسا، ئۇ رايوننىڭ ئەركىن بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇ رايون ئىشغال ئاستىدا بولسا، ئۇ جايدا ئىسلام بايرىقى لەپىلدىمىسە، ناماز ئوقۇش جائىز ئەمەس،- دەيدۇ. ئىمامنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان جامائەت تەۋرەپ كېتىدۇ ۋە دەرھال ئەتراپىنى كۆزىتىپ، جامائەتنىڭ ئىچىدىن چوڭ ئالىملاردىن بىرى بولغان شەيخ ئەلى سەزائى ئەپەندى دېگەن كىشىنى تېپىپ، ئۇ كىشىدىن رىدۋان دېگەن ئىمامنىڭ سۆزىگە پەتىۋا (ھۆكۈم) بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ ئالىم جامائەتكە:

- ئىمامنىڭ دېگىنى توغرا، ئىسلام بايرىقى چۈشۈرۈلگەن، دۈشمەن بايرىقى لەپىلدەپ تۇرغان جايدا جۈمە نامىزى ئوقۇش جائىز ئەمەس، – دەپ پەتىۋا بېرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن جامائەت ئۆرە-تۆپە بولۇپ كېتىدۇ. بىر كىشى سەپنى يېرىپ ئالدى تەرەپكە ئۆتۈپ، مۇنبەرنىڭ يېنىدىكى ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ بايرىقىنى ئېلىپ: «بايرىقىمىزنى ئۆز ئورنىغا قويۇش ئۈچۈن قەلئەگە ھۇجۇم» دەپ ۋارقىرايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن خەلق ئۇ بايراقنى ئېلىپ، مەسچىتتىن چىقىپ شەھەر قەلئەسىگە قاراپ ئۆزلىرىنى ئېتىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا جامائەت ئىچىدىكى ئەۋلىيا ئەپەندى، ئارسلان ئەپەندى، شەيخ ئەلى سەزائى، دوكتور مۇستافا ئاشىقئوغلى ۋە ھۈسەيىن قاتارلىق ئالىم ۋە يۇرت چوڭلىرى جامائەتكە باشلامچىلىق قىلىپ شەھەر قەلئەسىگە ھۇجۇم قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ مىڭلىغان قەھرىمانماراش خەلقى بەزىلىرى قوراللىق، بەزىلىرى قۇرۇق قول ھالدا قەلئەگە ھۇجۇم قىلىپ، فىرانسىيە ئەسكەرلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، دۈشمەن بايرىقىنى چۈشۈرىدۇ ۋە بىر بۇلۇڭغا تاشلاپ قويۇلغان تۈركىيە بايرىقىنى ئېلىپ، قايتا كۆكتە لەپىلدىتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن خەلق قەلئەدە، لەپىلدەپ تۇرغان تۈركىيە بايرىقى ئاستىدا سەپ تۈزۈپ، جۈمە نامىزىنى ئوقۇيدۇ. بۇ ۋەقە كېيىن تۈركىيە تارىخىدا «بايراق ۋەقەسى» (Bayrak Olayı) دەپ ئاتىلىدۇ. 

قەھرىمانماراشتىكى بۇ ئىنقىلاب سۈتچى ئىمامنىڭ بىر توپ دۈشمەن ئەسكەرلىرىگە ئاتقان تۇنجى ئوقى بىلەن باشلىنىپ، ئاخىر قەھرىمانماراش ۋىلايىتىنىڭ ئازاد بولۇشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. 

سۈتچى ئىمام كېيىن قەھرىمانماراش ۋىلايىتى ھۆكۈمىتىدە، ئۇنىڭدىن كېيىن شەھەر ئەتراپىدىكى مەلۇم بىر قەلئەدىكى توپچى قىسىمدا ئەسكەر بولىدۇ. كېيىن قەھرىمانماراشنىڭ دۈشمەن ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلۇشى بولغان «بايراق ۋەقەسى»نىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەپ ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا 101 پاي توپ ئوقى ئاتىدۇ. بۇ جەرياندا 21- ياكى 22-توپ ئوقى ئېتىلغان ۋاقىتتا زەمبىرەك قىزىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن پارتلاپ كېتىپ، سۈتچى ئىمام ئېغىر يارىدار بولىدۇ. ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 1922-يىلى 25-نويابىر داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات بولىدۇ. 

 

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 1747 قېتىم كۆرۈلدى
27/08/2021 15:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق