«سالام خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتى» ھەيئىتى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى زىيارەت قىلدى

30-ئاۋغۇست «سالام خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتى»دىن بىر ھەيئەت سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىپ، تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن زىيارەت ئۆمىكىنىڭ مەزكۇر پائالىيىتى «سالام خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتى» ۋە «تۈركىيە ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىكى» قوللىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى زىيارەت قىلىش پىلانىنىڭ بىر پارچىسى ھېسابلىنىدىكەن. 

زىيارەت داۋامىدا ئالدى بىلەن سۇتۇق بۇغراخان ۋەقفى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى تونۇشتۇرۇلدى. ئارقىدىن تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تارىخى، تۈركىيەدىكى چەتئەللىكلەرنىڭ تەشكىللىنىش ۋە تەشكىلات قۇرۇلۇشىدا ئۇچرىغان بىر قاتار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

سۆھبەت جەريانىدا يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى تونۇشتۇرۇلدى. ئاخىرىدا دۆلەت بىلەن ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى ئالاقە قاتارلىق نۇقتىلاردا پىكىر ئالماشتۇرۇلۇپ، بۇ ھەقتىكى تەجرىبىلەرنى ئۆرنەك قىلىش ئاساسىدا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇزاكىرە قىلىندى.

بۇ خەۋەر 1921 قېتىم كۆرۈلدى
02/09/2021 11:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق