خەلقئارالىق ئاخباراتچىلار يىغىلىشىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى

ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا مۇھەررىرلەر بىرلەشمىسى (MENA) 2-سېنتەبىر ئىستانبۇلنىڭ گۈنەشلى رايونىدا خاتىرە مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى (ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى) ۋەكىللىرىمۇ تەكلىپكە بىنائەن مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلدى.

مەزكۇر يىغىلىشقا ت ر ت ئەرەبچە قاتارلىق ئونغا يېقىن تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يىگىرمىدىن ئارتۇق مېدىيا ئورگىنىدىن كەلگەن ئاخباراتچىلار، ئاكادېمىكلار ۋە مەسئۇللار قاتناشتى. تۈركىيە پىرېزىدېنتى باش مەسلىھەتچىسى دوكتور ياسىن ئاكتايمۇ مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئاخبارات ساھەسىنىڭ بۈگۈنكى دەۋردىكى مۇھىم رولى ھەققىدە توختالدى.

يىغىن جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇلۋارىس خوتەن ئەپەندى تەكلىپكە بىنائەن سۆز قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ نۆۋەتتىكى خىزمەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش، جازا لاگېرلىرىغا قاماش، دىنىي باستۇرۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى، شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسىدىكى ئاخباراتچىلارنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۈچ چىقىرىشقا چاقىردى. ئارقىدىن ت ر ت ئەرەبچە قانىلىنىڭ باش مۇدىرى مەتىن مۇتانئوغلى ئابدۇلۋارىس ئەپەندىگە خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلدى.

ئابدۇلۋارىس ئەپەندى يىغىلىشتا يەنە بىر قىسىم ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتىش، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئىسلام دۇنياسىغا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تونۇتۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا مۇھەررىرلەر بىرلەشمىسى قۇرۇلغىنىغا بىر نەچچە يىل بولغان خەلقئارالىق تەشكىلات بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىدا نەچچە يۈزلىگەن ئەزاسى بار. شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتىمۇ مەزكۇر بىرلەشمىنىڭ ئەزا تەشكىلاتلىرىدىن بىرى.

بۇ خەۋەر 1714 قېتىم كۆرۈلدى
02/09/2021 20:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق