بۇرسادا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

2-سېنتەبىر بۇرسادىكى رودا ئانادولۇ ئىمام خاتىپ ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇش پۈتتۈرۈش توققۇز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىم قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئەردال تۇنالى ۋە مەكتەپ مۇدىرى نۇرۇللاھ شىمشەك ئەپەندىلەر مۇراسىمدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرگەن تۇنجى ۋاقىتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئوقۇش جەريانى ھەققىدىكى ئۆز تەسىراتلىرىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن پەيتلەردىكى ھاياجانلىرىنى تەسىرلىك يوسۇندا بايان قىلدى. 

ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا ئىستانبۇلدىن كەلگەن شەرقىي تۈركىستان ۋەقفىدىن ئابدۇخەبەر ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان ئەپەندى ۋە باشقا قاتناشقۇچىلار ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.

ئاخىرىدا سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئوقۇش ئىشلىرىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان مەكتەپ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرى ۋە ئەردال تۇنالى ئەپەندى قاتارلىقلارغا شەرقىي تۈركىستان دۆلەت گېربى چۈشۈرۈلگەن خاتىرە بۇيۇمى، ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ھەدىيە قىلدى.

بۇ خەۋەر 931 قېتىم كۆرۈلدى
04/09/2021 12:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق