خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى

خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسىنىڭ (UDEF) ئومۇمىي يىغىنى 4-سېنتەبىر ئىستانبۇلدا ئېچىلدى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى. يىغىندا بىرلەشمىنىڭ رەئىسى دوكتور مەھمەت ئەلى پولاتنىڭ ئورنىغا دوكتور ئوسمان ئاقگۈل ئەپەندى يېڭى رەئىس بولۇپ تەيىنلەندى.

خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسى يىللاردىن بېرى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، بولۇپمۇ سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى بىلەن، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئىختىساسلىق كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈشتە يېقىندىن ھەمكارلاشقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوم ۋە باشقا ھەرقايسى مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە كۆپلەپ ياردەم قىلىپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 840 قېتىم كۆرۈلدى
06/09/2021 14:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق