پەلەستىنلىك ئالتە مەھبۇس ئىسرائىلىيە تۈرمىسىدىن قېچىپ كەتتى

ئەلجەزىرە تورنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پەلەستىنلىك ئالتە مەھبۇس 6-سېنتەبىر ئەتىگەن مەخپىي تونېل قېزىش ئارقىلىق، ئىسرائىلىيەنىڭ گىلبو تۈرمىسىدىن قېچىپ كەتكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تۈرمە دائىرىلىرى ئالتە پەلەستىنلىك مەھبۇسنىڭ گىلبو تۈرمىسىدىن تونېلنى كولاپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى، ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئۇچۇرنىڭ دەسلەپكى ئۇچۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، قېچىپ كەتكەنلەرنىڭ بىرى ئەلئەقسا شەھىدلەر بىرىگادىسىنىڭ (پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى فاتاھ بىلەن مۇناسىۋىتى بار ھەربىي تەشكىلات) ۋە ھەرىكەت ئىنقىلابى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى زەكەرىيا ئەل زۇبەيدە ئىكەن. قالغان بەش كىشى ئىسلام جىھاد ھەرىكىتىگە مەنسۇپ كىشىلەر ئىكەن. ئېيتىلىشىچە، قېچىپ كەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەنلەر ئىكەن.

«مائارىف گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نەق مەيدانغا زور بىر تۈركۈم ساقچى چاقىرىلغان بولۇپ، بۇ رايوندا تىك ئۇچار ئارقىلىق ئىزدەش ھەرىكىتى باشلانغان. يېڭىدىن بىرلەشمە ھەرىكەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەتراپتىكى يېزا-بازارلارغا ساقچى قىسىم ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرى، ئىتلار ۋە ساقچى تىك ئۇچارلىرى تەكشۈرۈشكە ئاتلانغان.

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قېچىپ كەتكەن ئالتە مەھبۇس بىر كامېرغا قامالغان بولۇپ، ئۇلار قازغان تونېلنىڭ ئۇزۇنلۇقى نەچچە ئون مېتىرغا يەتكەن. تونېلنىڭ چىقىش ئېغىزى تۈرمە تېمىنىڭ سىرتىدىمۇ بىر نەچچە مېتىر كېلىدىكەن.

گىلبوۋا تۈرمىسى ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، ئىرېلاندىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا قۇرۇلغان ۋە 2004-يىلى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. بۇ تۈرمە ئىنتايىن بىخەتەر، يۇقىرى دەرىجىدە قوغدىلىدىغان تۈرمە، دەپ سۈپەتلىنىپ كەلگەن.

پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى «ھاماس» پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قېچىشىنى ماختىغان ۋە بۇ ھەرىكەتنى «ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك سىستېمىسىغا بولغان خىرىس» دەپ ئاتىغان.

ھاماس ھەرىكەتنىڭ باياناتچىسى فەۋزى بارھۇم بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «بۇ غەلىبە دۈشمەن تۈرمىلىرىدىكى مەھبۇسلارنىڭ ئىرادىسى، قارشىلىقنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەغلۇپ بولمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى» دېگەن.

بۇ خەۋەر 3719 قېتىم كۆرۈلدى
07/09/2021 11:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق