تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئىدارە ھەيئىتى ئايلىق كېڭەش يىغىنى ئۆتكۈزدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئىدارە ھەيئىتى بۈگۈن ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆيدىكى ساماۋەر چايخانىسىدا ئايلىق كېڭەش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

كېڭەش يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ پىلانىدىكى خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى خۇلاسە قىلىندى.

يىغىندا يەنە كەلگۈسى خىزمەتلەردىن 1-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ 72 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەشكىللىنىدىغان پائالىيەت، 4-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى، 12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش كۈنى خاتىرە پائالىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

ئۇندىن باشقا يىغىندا يەنە، تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا بولۇش ئىلتىماسى سۇنغان جەمئىيەتلەر ھەققىدە قارار چىقىرىلدى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى.

بۇ خەۋەر 2730 قېتىم كۆرۈلدى
10/09/2021 19:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق