كىتاب ئوقۇماسلىقنىڭ زىيىنى كۆپ

كىتاب ئوقۇماسلىقنىڭ زىيىنى كۆپ

ئالماس ھاجى

 

ئالدىنقى يازمىدا كىتاب ئوقۇشنىڭ پايدىسى توغرىسىدا يازغان ئىدىم. بۇ يازمىدا كىتاب ئوقۇماسلىقنىڭ زىيىنى توغرىسىدا توختالماقچىمەن.

بىز كىتاب ئوقۇشقا ۋە تەربىيەلەش-تەربىيەلىنىشكە ياخشى ئەھمىيەت بەرمەي، قاششاقلىق ۋە نادانلىق ئىلكىدە قالغان مىللەت. بۇنىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتتۇق، تا ھازىرغىچە تارتىۋاتىمىز. چۈنكى بىز ئەينەككە قاراپ ئۆزىمىزنى تۈزەشنى ئانچە خالاپ كەتمەيمىز. ئەسلىدە كىتاب بىزگە ئەينەك بولاتتى، تەلىم-تەربىيەدىن كۆپ نەرسىلەرنى پەرق ئېتىشنى ئۆگىنەتتۇق. لېكىن بىز ئۇنداق قىلالماي كەلدۇق. شۇڭا مەنمەنچىلىك، يالغانچىلىق، ھەشەم-دەرەمگە بېرىلىش، ھەر خىل ساختا كۆرۈنۈشلەردە ئىپادىلىنىش بىزنى چىرمىۋالدى. بىز يا ئۆزىمىزنى تاپالماي، يا ئۆزىمىزدەك بولالماي يۈرۈۋاتىمىز.

ئەسىرلەردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مۇستەملىكە ھاياتى، بىز دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق، زۇلۇم ۋە ئىسكەنجىلەر بىزنى شۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى. بىز كىتاب ئوقۇمايدىغان، ئىلىم-پەنگە ئىنتىلمەيدىغان بولۇپ قالدۇق. دۈشمەنلىرىمىزنىڭ مەقسىتى شۇ ئىدى. بىزنى شۇ ھالغا چۈشۈرۈپ، مەنىۋىيەت ۋە روھىي جەھەتتىن سۇندۇرۇش ئىدى. كىتاب ئوقۇماسلىق، ئىلىم-پەنگە ئىنتىلمەسلىك ئىللەتلىرى ئەسلى تاجاۋۇزچى خىتايلار تەرىپىدىن بىزگە يۇقتۇرۇلغان ئىللەتتۇر. بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاڭنى ئېچىش ۋە يۈكسەلدۈرۈش كېرەك. كىتاب ئوقۇشىمىز، يەنە داۋاملىق كىتاب ئوقۇشىمىز، ھەرساھە بويىچە ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئىگىلىشىمىز لازىم.

بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ئىلگىرى بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ «بىلىم-بەختنىڭ ئاچقۇچى» دېگەن ھۆكۈمنى دۇنياغا جاكارلىغان ئىدى. شۇنىڭدىن بەش ئەسىر كېيىن ياۋروپالىقلار «بىلىم-كۈچ» دېگەن ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىزدىن بەش ئەسىر كېيىن بىلىمنىڭ كۈچ ئىكەنلىكىنى بىلگەن ياۋروپالىقلار بىلەن ئۆزىمىزنى سېلىشتۇرساق، بۇنىڭ تونۇپ يېتەلەيمىز. دېمەك، بىز بىلىم ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، بىلىم ئارقىلىق بەختىنى تاپىدىغان مىللەتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدۇق. لېكىن بىز ئۇ يولنى داۋاملاشتۇرالماي قالدۇق. ئەمدى بۈگۈنكى ھالىمىزغا قاراڭ:

«يېقىندىن بېرى ئۇنىۋېرسىتېتنى تاماملىغان ياكى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان 30 نەچچە ياش بىلەن سۆھبەتلەردە بولدۇم. سۆھبەت ئارىسىدا ئۇلاردىن يېقىندىن بېرى قايسى كىتابلارنى ئوقۇغانلىقىنى سورىدىم. قىزىق يېرى، ياق، قىزىق يېرى ئەمەس، ئېچىنارلىق يېرى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىتاب ئوقۇمىدۇق، دەپ جاۋاب بەردى» دەپ ھەسرەت ۋە ئېچىنىش بىلەن سۆزلەپ بەردى يازغۇچى مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ «100 مەشھۇر ئۇيغۇر» دېگەن ئىككى توملۇق كىتابىنى ئون يىلدا يېزىپ تاماملىغان ئىدى. يېقىندا يېزىپ تاماملىغان مۇستەقىللىق كۈرەش تارىخى ھەققىدىكى ئەسلىمە ئەسىرى نەشرگە تەييارلىنىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئاۋازىدىن يۈرەك-باغرىنىڭ پۇچۇلىنىۋاتقانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. چۈنكى ئۇ ئون يىللاپ ئەجىر قىلىپ، مىللەتنىڭ تارىخىغا ئائىت كىتاب يېزىپ، كىتاب ئوقۇمايدىغان قېرىنداشلىرىغا سۇنغان ئىدى. يازغۇچى ئۈچۈن كىتابىنىڭ ئوقۇرمەنسىز قېلىشىدىن چوڭ ئازاب بولمايدۇ.

ئۇيغۇر كىتابخانلىرى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان نەشرىياتچى ئابدۇجېلىل تۇران ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئازلىقىدىن ئەپسۇسلانسىمۇ، نەشرىياتچىلىقنى مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ يادرولۇق خىزمىتى دەپ قاراپ، ئۆز يولىدىن ھەرگىز تايمىدى، توختاپ قالمىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئىچىنى بىر نەرسە تاتىلايتتى: «مىللىتىمىزنىڭ تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى، قىممىتى زور ئىلمىي ئەسەرلەرنى، مەدەنىيىتىمىزگە، ئەدەبىياتىمىزغا مۇناسىۋەتلىك نادىر ئەسەرلەرنى 300 دىن 500 تالغىچە نەشر قىلساقمۇ، ئىككى-ئۈچ يىلدا ئاران ئاخىرى ئۈزۈلىدۇ» دېدى ئۇ ئەپسۇسلىنىش بىلەن. 20-10 مىڭ ئۇيغۇر ياشاۋاتقان ئىستانبۇلدىكى ئەھۋال بۇ ئىدى.

ۋەتەندە بۇ كىتابلارنى ئوقۇيمەن دەپ ئىزدەپمۇ تاپقىلى بولمايدۇ، ئەگەر خىتايلار ياكى ئۇيغۇر ساتقۇنلار ئوقۇغىنىنى بىلىپ قالسا تۈرمىگە قامايدۇ. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ كىتابلاردىن خالىغانچە پايدىلىنالايدۇ. بىراق ئۇلار بۇ ئىمكانىيەتتىن قانچىلىك پايدىلىنىۋاتىدۇ. بىز ئۆزىمىزنى، تارىخىمىزنى قانچىلىك بىلەتتۇق؟ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھىنى ئويغىتىدۇ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى قوزغايدۇ، دەپ ئوقۇشنى چەكلىگەن بۇ كىتابلار مۇھاجىرەتتە، ئەركىن دۇنيادا نېمىشقىدۇر يەكلىنىپ ۋە بۇ تۈپەيلى غەيرىي چەكلىنىپ، يىللاپ چاڭ بېسىپ يېتىپتۇ. يۇقىرىقى مىساللاردىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ئوقۇشقا بولغان پوزىتسىيەسىنى بىلگىلى بولىدۇ.

كىتاب ئوقۇش ئومۇملاشمىغان مىللەتنىڭ ساپاسى تۆۋەن بولىدۇ. مىجەز-خاراكتېرى غەلىتە، گەپ-سۆزلىرى قوپال، رەڭگى-روھى سەت ۋە خۇنۈك بولىدۇ. كىتاب ئوقۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان كىشىلەر سىلىق، مۇلايىم بولىدۇ، پارقىراپ تۇرىدۇ، پاكىزە، رەتلىك كىيىنگەن، مەدەنىيەتلىك، چىرايلىق بولىدۇ. بىز شۇنچە تېگى ئېسىل، چىرايلىق مىللەت ئىدۇق. لېكىن ھازىر كۈندىن-كۈنگە سەتلىشىپ، دۆتلىشىپ، خۇنۈكلىشىپ كېتىپ بارىمىز. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى بىز كىتابتىن - ئىلىم-پەندىن، مەدەنىيەتتىن، تەرەققىياتتىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتىمىز.

كىتاب ئوقۇش دېگەن سۆزنىڭ ئۇقۇم مەنىسىنى نوقۇل ھالدا بىر قانچە كىتابنى ۋاراقلاپ ئوقۇپ چىقىش دەپ چۈشىنىش تولىمۇ ئاددىي چۈشەنچە بولۇپ قالىدۇ. كىتاب ئوقۇش كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا شەرىئەت بىلىملىرىنى پۇختا ئىگىلەش، مائارىپ، مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن ساھەسىدە ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە بولۇش دېگەنلىك بولىدۇ. كىتاب ئوقۇسىڭىز، سىزدە شۇنداق ئىقتىدار يېتىلىپ چىقىدۇ. مەكتەپتە ئوقۇغان دەرسلىك كىتابلار بۇنىڭ ئاساسى بولىدۇ، لېكىن ھەممىسى ئەمەس. شۇڭا مەكتەپتە ئوقۇغانغا قانائەتلىنىپ، كىتاب ئوقۇشتىن توختاپ قالسىڭىز بولمايدۇ.

دېمەك، كىتاب ئوقۇمىسىڭىز زېھنىڭىز ئۆتكۈر بولمايدۇ، ئەقىل-پاراسىتىڭىز يېتىلمەيدۇ، ئەخلاق-پەزىلىتىڭىز ئىنسان گۈزەللىكلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولالمايدۇ، رۇخسارىڭىز نۇرغا تولمايدۇ. كىتاب ئوقۇمىسىڭىز مەنىۋىيىتىڭىزدىكى ئەخلەتلەرنى كۆرەلمەيسىز، ئۆزلۈكىڭىزنى تونۇيالمايسىز، شەيئى-ھادىسىلەرنىڭ پەرق ئېتەلمەيسىز، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلالمايسىز، مۇكەممەل ئادەم بولالمايسىز. شۇڭا كىتاب ئوقۇڭ، كىتاب ئوقۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇڭ، ئائىلىڭىزدە كىتاب جاۋىنى بولسۇن، كىتاب جاۋىنىڭىز نادىر كىتابلارغا، ئائىلىڭىز خاتىرجەملىك، خۇرسەنچىلىككە تولسۇن، ئامىن!

 

2021-يىلى 3-سېنتەبىر، ئىستانبۇل

بۇ خەۋەر 4350 قېتىم كۆرۈلدى
11/09/2021 11:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق