ئىستانبۇلدا 2-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان ياشلار ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلدى

12-سېنتەبىر شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا 2-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان ياشلار ئۇچرىشىشى ئىستانبۇلنىڭ ئەمىنئۆنۈدە ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇچرىشىشقا تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئوغۇل-قىز ئوقۇغۇچىلار، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى سېپىدە ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئاۋانگارتلاردىن ئىلىميار ياشلار گۇرۇپپىسى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى، ئۇيغۇر سىتەم گۇرۇپپىسى، رىشتە قىزلار گۇرۇپپىسى، زەھرا دەۋەت گۇرۇپپىسى قاتارلىقلاردىن بولۇپ 200 گە يېقىن ئاۋانگارت ياش ئىشتىراك قىلدى.

ئۇچرىشىشتا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئارقىدىن ھەرقايسى ياشلار گۇرۇپپىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆزئارا تونۇشتۇرۇش ۋە تونۇشۇش سۆزى قىلدى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇر «ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىدىن كۈتۈۋاتقانلىرى» تېمىسىدا، يېڭى نەسىل ھەرىكىتى ئەزالىرىدىن ئابدۇلھەكىم ئايدىن «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا سەمىمىيەت ۋە ئىخلاس» تېمىسىدا، مۇھەممەتئەلى ئاتا يۇرت «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا تەشۋىقاتنىڭ ئەھمىيىتى» تېمىسىدا، مەريەم ئۆتكۈر «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا قىزلارنىڭ رولى» تېمىسىدا سۆز قىلدى.

 

ئاخىرىدا ئۆز ساھەسىدە يېتىشكەن ياشلار سوئال-جاۋاب تەرىقىسىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

 

بۇ خەۋەر 2859 قېتىم كۆرۈلدى
13/09/2021 15:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق