دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى مۇھەممەد ھەسەن ئاخۇندنىڭ ئەمىر بولۇپ سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى تالىبانلار تەرىپىدىن ئەمىر قىلىپ سايلانغان مۇھەممەد ھەسەن ئاخۇندنىڭ تالىبان ۋە باشقا ئافغانىستاندىكى جامائەتلەر تەرىپىدىن يېڭى ھۆكۈمەتكە رەھبەرلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىنى، بىرلىكنىڭ ئۇنىڭ ئەمىر بولۇپ سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە يېڭى ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە توغرا يولدا ماڭغۇچى خەلىپىلەرنىڭ ئىسلام ئەندىزىسى بويىچە دۆلەت باشقۇرۇشقا چاقىرغان.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى ئورگان تور بېتىدە يەنە، ئافغانىستان خەلقىنىڭ مۇھەممەد ھەسەن ئاخۇندغا رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇش ئارقىلىق خەلقنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىنى، ئالىملار بىرلىكىنىڭ مۇھەممەد ھەسەن ئاخۇندنىڭ ئافغانىستان خەلقىنى توغرا يېتەكلەپ، بىخەتەرلىك، مۇقىملىق، ئىتتىپاقلىق ۋە گۈللىنىش قاتارلىقلاردا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئالدىنقى ھەپتە، تالىبانلار مۇھەممەد ھەسەن ئاخۇند باشچىلىقىدا مىنىستىرلىق تەشكىللەپ، ئافغانىستاندا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى ئورگان تور بېتىدە، يېڭى ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە توغرا يولدا ماڭغۇچى خەلىپىلەرنىڭ ئىسلام ئەندىزىسى بويىچە باشقۇرۇشقا چاقىرغان ھەمدە ھۆكۈمەتنى شۇرانى ئاساس قىلىپ، ئادالەت ئورنىتىش، قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەركىنلىك ۋە چەكلىمىلەرگە كاپالەتلىك قىلىش، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش، ھەممە تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، مىللەت ۋە مەزھەپلەر ئارا يارىشىش ۋە ئىجتىمائىي بىرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا تىنچلىقنى مۇستەھكەملەشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى يەنە، ھۆكۈمەتنى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئافغانىستان خەلقىنىڭ بارلىق تەركىبلىرىنى ھۆكۈمەتنى قوللاش، ھەمكارلىشىش ۋە مەسلىھەت بېرىشكە يېتەكلەش بىلەن بىرگە، دۆلەتنىڭ ھەر خىل قېيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا دىيالوگ، تىنچلىق ۋە ئۆز ئارا چۈشىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، چەتئەل تاجاۋۇزچىلىقى ۋە ئىچكى توقۇنۇشقا كىرىپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان.

دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى يەنە، ئۆزلىرىنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن تولۇق ھەمكارلىشىش ۋە يېڭى ھۆكۈمەتكە قىلغىلى بولىدىغان بارلىق ياردەملەرنى قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 3898 قېتىم كۆرۈلدى
14/09/2021 15:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق