شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئايلىق يىغىنى ئېچىلدى

ئۆزخەۋىرىمىز، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئايلىق يىغىنى بىرلىكنىڭ ئسىتانبۇلدىكى مەركىزىدە ئېچىلدى. يىغىنغا بىرلىكنىڭ تۈركىيەدىكى ئەزالىرى نەق مەيداندىن، باشقا دۆلەتلەردىكى ئەزالار بولسا تور ئارقىلىق ئىشتىراك قىلدى.

يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللا شاھيار بىرلىكنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئايلىق خىزمەتلىرى ھەققىدە دوكلات بەردى.

ئۇ سۆزىدە، ئالدىنقى ئايدا ئۆزىنىڭ ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئامېرىكىدا قىلغان زىيارىتى، مەزكۇر يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ جىددىي كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكى، يىغىندا ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغانلىقى ھەمدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئېغىر دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە سۆز قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرلىك يېقىندا يەنە، ئۆمەك تەشكىللەپ ئىستانبۇل كۈچۈكچەكمەجە رايونىنىڭ سەفاكۆيدىكى قۇرئان كۇرس ۋە يەسلىلەرنى، شۇنداقلا ئۆز ئالدىغا دەۋەت ئىشلىرى قىلىۋاتقان ئەزالارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلار بىلەن سىرداشقان. شۇنداقلا ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا ئۇلارغا ياردەملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇندىن باشقا ئىستانبۇلدىكى يەرلىك جەمئىيەت رەئىسلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىچىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە ياردەم قىلىشىنى قولغا كەلتۈرگەن.

دوكتور ئاتاۋۇللا شاھيار ئاخىرىدا يەنە، ئەنگلىيە پايتەختى لوندون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى نامىدىن قوللايدىغانلىقىنى ھەمدە تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرلىكنىڭ يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، خىتاي بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ پەقەتلا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغقانلىرىنى لاگېرغا سولىغانلىقى سەۋەبلىك ئەمەسلىكىنى، بۇ زىددىيەتنىڭ تاجاۋۇزچىلىق بىلەن تاجاۋۇز قىلىنىش مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت زېمىن مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقىرىش كېرەكلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى دىنىي، سىياسىي ۋە روھىي جەھەتتىن تەييارلىق كۆرۈپ، خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقىرىشقا تەييار تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئابدۇقادىر ياپچان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە لوندون شەھىرىدە تەشكىللەنگەن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى»نى قوللايدىغانلىقىنى ھەمدە مەزكۇر پائالىيەتنى تەشكىللەش ئۈچۈن تىرىشقان بارلىق پىداكارلارغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىن ئۆلىما-ئۇستازلار ئارىىسىدىكى رېئال مەسىلىلەرنى ئۆزئارا مۇزاكىرە قىلىش، يېڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش قاتارلىق پائالىيەتلەردىن كېيىن دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتى.

 

بۇ خەۋەر 2178 قېتىم كۆرۈلدى
14/09/2021 16:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق