تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى بوسنىيە ھەرىكەت پارتىيەسى بىلەن كۆرۈشتى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ دائىرىسىنى خەلقئاراغا  كېڭەيتىش ۋە دەۋا پائالىيەتلىرىگە تېخىمۇ كەڭ زېمىن ھازىرلاش مەقسىتىدە بوسنىيە گېرتسېگوۋىنادا زىيارەتتە بولدى.

مەزكۇر ھەيئەت خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇلۋارىس ئابدۇخالىق، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىندىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، 13-سېنتەبىر تۈركىيەدىن يولغا چىققانىدى ۋە تۈنۈگۈن زىيارەت پائالىيىتىنى رەسمىي باشلىغانىدى.

ھەيئەت 14-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن بوسنىيە دېموكراتىك ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ باش كاتىپى دوكتور سەداد دېدىچ ۋە پارتىيەنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر مەسئۇلى نەدىم بارۇجىچنى پارتىيە مەركىزىدە زىيارەت قىلدى.

ھەيئەت زىيارەت داۋامىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇردى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرى بىلدۈرۈلگەن مەكتۇپنى پارتىيە رەئىسى باكىر ئىززەت بىگوۋىچكە يەتكۈزۈشنى دوكتور سەداد دېدىچكە ھاۋالە قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا دىنىي ئىشلار نازارىتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئورگان بولۇپ، تەشكىلات ئىلگىرى خىتاي ئەلچىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر دەپسەندىچىلىك قىلمىشىنى تەنقىد قىلغان.

بوسنىيە ئالدىنقى قېتىم ب د ت دا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى ئاۋاز بەرگەن 39 دۆلەتنىڭ بىرى. بوسىنىيە گېرتسېگوۋىنا خەلقى ئالدىنقى ئەسىردە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئوخشاش ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، ئەلى ئىززەت بىگوۋىچنىڭ رەھبەرلىكىدە زور كۈرەش ۋە پىداكارلىقلاردىن كېيىن مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەن. بوسنىيە 1992-يىلى سابىق يۇگوسلاۋىيە سوتسىيالىستىك فېدېراتسىيەسىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان.

بۇ خەۋەر 1747 قېتىم كۆرۈلدى
15/09/2021 15:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق