يېڭى نەسىل ھەرىكىتى بىلەن تەنتەربىيە جەمئىيىتى ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولدى

شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت 15-سېنتەبىر ئەنقەرەدە بىر قاتار زىيارەتلەردە بولدى.

ھەيئەت ئالدى بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئەنقەرەدىكى ئىشخانىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ئەنقەرە ئۈلكۈ ئوجاقلىرى باش مەركىزىنى زىيارەت قىلغان. ھەيئەتنى ئۈلكۈ ئوجاقلىرىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دېنىز گۈزەلئاي ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالغان. ھەيئەت دېنىز گۈزەلئاي ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغان ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى كەلگۈسى پىلانلىرى ۋە خىزمەتلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.

ھەيئەت ئارقىدىن يەنە ئىراق تۈركمەن فىرونتىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق مەركىزىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ھەيئەتنى تەشكىلات رەئىسى فىراس ئاگائوغلى ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالغان. 

ھەيئەت زىيارەت جەريانىدا فىراس ئاگائوغلى بىلەن نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە تۈركمەنلەر مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان. زىيارەت ئاخىرىدا فىراس ئاگائوغلى ھەيئەتكە تۈركمەن بايرىقى ۋە «ئىراقتىكى تۈركمەنلەر رېئاللىقى» ناملىق كىتابنى تەقدىم قىلغان.

بۇ خەۋەر 1568 قېتىم كۆرۈلدى
16/09/2021 14:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق