ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى پاكىستان بىلەن ھىندىستاننى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىردى

خەۋەر يەتتە تورىنىڭ 3-مارت بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە چاقىرىلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 46-نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشىدە پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئىككى تەرەپنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىرغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە چاقىرىلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 46-نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشىدىن كېيىن باش كاتىپ يۇسۇف بىن ئەھمەد ئەلئۇسەيمىن ئىمزا قويغان بىر چاقىرىق ئېلان قىلىنغان بولۇپ، چاقىرىقتا: «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى جاممۇ كەشمىر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەرنى ۋە دەپسەندىچىلىكلەرنى چوڭقۇر ئەندىشە ئىچىدە كۆزەتمەكتە» دەپ قەيت قىلىنغان بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ سوغۇققان بولۇشى كېرەكلىكى، مەسىلىنىڭ خەلقئارانىڭ يوللۇق قارارلىرىغا مۇۋاپىق كەلگەن تىنچ ئۇسۇلدا ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكى تەشەببۇس قىلىنغان.
چاقىرىقتا يەنە پەلەستىن مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشىنى ۋە 1967-يىلى 4-ئىيۇندىكى چېگرا كېلىشىمى دائىرىسى ئىچىدە مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرۇشىغا ئوخشاش قانۇنلۇق ھوقۇقلىرىغا ئېرىشىشىنى قوللايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 4778 قېتىم كۆرۈلدى
04/03/2019 18:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق