ئەنقەرەدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەييارلانغان يېڭى دوكلاتنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

24-سېنتەبىر تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە «ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك ۋە مۇسۇلمان كىملىكلىرى دۇچ كەلگەن زۇلۇم: تۈركىيەدىن توپلانغان پاكىتلارغا نەزەر» تېمىلىق دوكلاتنىڭ تۈركچە نۇسخىسىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر دوكلاتنى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىرلىكتە تەييارلىغان بولۇپ، يىغىنغا ئىنستىتۇت مەسئۇللىرىدىن باشقا، تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ژۇرنالىستلار، ئاكادېمىكلار، شۇنداقلا ئىيى پارتىيەسى، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى ۋە كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان.

21-ئەسىر ئىستراتېگىيە مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى پىروفېسسور دوكتور قونۇر ئالىپ ئەرجىلاسۇننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەزكۇر دوكلات خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى ئىچىدە ھازىرغىچە ئاشكارىلانغان مەلۇماتلارغا، شۇنداقلا لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بىۋاسىتە گۇۋاھلىقلىرىغا ئاساسەن تەييارلانغان. ئۇندىن باشقا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتى ھەققىدە خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىنغان مەزمۇنلار ئىسپات سۈپىتىدە قوللىنىلغان.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، دوكلاتتا تۈركىيەدە 50 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ بارلىقى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك، خىتاينىڭ تۈركىيەگە قاتتىق بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقى، ھەتتا تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن بەزى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

دوكلاتنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر يەنە خىتاينىڭ قارا قولىنى چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئۇزىتىشقا باشلىغانلىقى، بۇنىڭغا قارشى قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىش مەسىلىسى قاتارلىق نۇقتىلار مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئاخىرىدا ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، خەلقئارانىڭ ئىنكاسى، پاكىتلار ئاساسىدا تەييارلانغان مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئەھمىيىتى قاتارلىق نۇقتىلار بويىچە مەلۇمات بەرگەن ۋە يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

بۇ خەۋەر 1421 قېتىم كۆرۈلدى
25/09/2021 15:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق