تۈركىيەدىكى بىر تۈركۈم تەشكىلاتلار خىتايغا قارشى ئورتاق بايانات ئېلان قىلدى

1-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكىنىڭ 72 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ھەرقايسى دۆلەتلەردە خىتايغا قارشى نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلگەندىن سىرت، تۈركىيەدىكى بىر قىسىم تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا ئورتاق بايانات ئېلان قىلىندى.

خەلقئارا بالىلار ھەقلىرى جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى، خەلقئارا تۈركىستان بىرلىكى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ تەشكىللىشى ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ قوللىشى بىلەن «شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بار، خىتاي سوتلانسۇن، ب د ت دىكى بەش دائىمىي ئەزا سۈكۈتتە» تېمىسىدا پائالىيەت تەشكىللەنگەن بولۇپ، 1-ئۆكتەبىر تۈركىيەنىڭ بىر نەچچە شەھىرىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تېررور سىياسىتىگە قارشى بايانات ئېلان قىلىندى. باياناتتا خىتاينىڭ 72 يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ۋەھشىي زۇلۇملار بىلەن يوقىتىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشىغا ئۇرۇنغانلىقى، بولۇپمۇ 2016-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك جازا لاگېرىغا سولاپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكى قەيت قىلىندى.

شەرقىي تۈركىستان يېڭى  نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان پائالىيەتتە سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قېرى-ياش، چوڭ-كىچىك دېمەستىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەمدە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پارلامېنتلىرىنىڭ خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق »دەپ بېكىتكەنلىكىنى، بىراق بۇ ھەقتىكى ھەرىكەتلەرنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر پائالىيەت بالىلار ۋەقفى رەئىسى مۇستافا روبىشىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشى بىلەن باشلانغان بولۇپ، يۇقىرىقى تەشكىلاتلار بىر نەچچە كۈندىن بېرى «شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بار، خىتاي سوتلانسۇن، ب د ت دىكى بەش دائىمىي ئەزا سۈكۈتتە» تېمىسىدىكى مەكتۇپنى 40 نەچچە تىلدا تەييارلاپ، ب د ت، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا ئەۋەتكەن.

بۇ خەۋەر 867 قېتىم كۆرۈلدى
02/10/2021 14:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق