شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ئايلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 3-ئۆكتەبىر چاپىدىكى جەمئىيەت مەركىزىدە ئايلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى.

سۆھبەت يىغىنى قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئالدى بىلەن جەمئىيەت رەئىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش سۆزى قىلدى.

ئۇ سۆزىدە مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ئىسلامىي ۋە مىللىي نۇقتىئىنەزەر ئاساسىدا، شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل قىلىشنى نىشان قىلىپ قۇرۇلغان بىر ئىسلامىي، سىياسىي تەشكىلات ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە نەچچە يىلدىن بېرى نۇرغۇن ياشلارنى تەربىيەلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھازىر دەۋا سېپىدە ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى توسۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر پەيتتە، ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ قوللاش تەرەپتە تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە بۇنىڭدىن كېيىن پائالىيەتلەرنىڭ كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى.

ئارقىدىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىش جىنايىتىنى ئازراقمۇ توختاتمىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار چوقۇم خىتايغا قارشى ئەمەلىي جىھادقا ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

يىغىندا يەنە ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى ۋە يىغىن قاتناشقۇچىلىرى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ھەققىدە تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاخىرىدا يىغىن ئابدۇلھەفىز خەلپىتىمنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرگەن نەسىھەتى ۋە دۇئاسى بىلەن ئاخىرلاشتى.

بۇ خەۋەر 885 قېتىم كۆرۈلدى
04/10/2021 15:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق