ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن بىر ھەيئەت تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى

2-ئۆكتەبىر رۇسىيە ۋە قازاقىستاندىن كەلگەن مۇخبىر ۋە تەشكىلات ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى.

مەزكۇر ھەيئەت رۇسىيەلىك ژۇرنالىست، ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى ئەلېكسېي كازاك، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستان ۋەكىلى سەدىردىن ئايۇپوف ۋە قازاقىستاندىكى جامائەت ئەربابى ئەلشىر خالىلوف، ئازاتجان ئابباس قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ھەيئەتنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ئەر ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.

زىيارەت جەريانىدا مېھمانلار بىلەن شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ھەمدە نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى. بىر نەچچە يىلدىن بېرى رۇسىيە ۋە قازاقىستاندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇتۇشتا ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىۋاتقان رۇس ژۇرنالىست ئالېكسېي سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ۋەھشىي زۇلۇملار سەۋەبلىك، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ئاتىغانلىقىنى بىلدۈردى. زىيارەت ئاخىرىدا ھەيئەتكە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن ھەدىيە تەقدىم قىلىندى.

ئالېكسېي ئەپەندى 3-ئۆكتەبىر يەنە ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ نېمە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى رۇس دۇنياسىغا تونۇتۇش سەپىرىگە ئاتلانغانلىقىنى، بۇ جەرياندا قىلغان خىزمەتلىرىنى، ھېس-تۇيغۇلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

بۇ خەۋەر 910 قېتىم كۆرۈلدى
04/10/2021 15:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق