بېلگىيە مۇسۇلمانلىرى شەرئىي بوغۇزلاشنى چەكلەش قارارىغا قارشى ئەرز سۇندى

بېلگىيەدىكى ئىسلامىي تەشكىلاتلار بېلگىيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ ھايۋانلارنى ئىسلامىي ئۇسۇلدا بوغۇزلاشنى چەكلەش قارارىغا قارشى ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتىغا ئەرز سۇنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ 2-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بېلگىيەدىكى ئىسلامىي جەمئىيەتلەر بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، بېلگىيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ ھايۋانلارنى ئىسلامىي ئۇسۇلدا بوغۇزلاشنى، يەنى شەرئىي بوغۇزلاشنى چەكلەش قارارىغا قارشى ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتىغا ئەرز قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر جەمئىيەتلەر باياناتىدا، ئۆزلىرىنىڭ فىرانسىيەنىڭ ئىستراسبۇرگ شەھىرىدىكى ياۋروپا سوتىغا ئەرز قىلىش قارارىنىڭ بېلگىيەدىكى يۇقىرى ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ ئالدىنقى پەيشەنبە شەرئىي بوغۇزلاشنى چەكلەش قارارىنى تەستىقلىغاندىن كېيىن چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا نۆۋەتتىكى شەرئىي بوغۇزلاش ئۇسۇلىنىڭ ھايۋانلارنى توك سوقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈشنىڭ ئورنىنى ئىگىلىيەلەيدىغانلىقىنى، ئاممىۋى ساغلاملىق، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە ھايۋانلار پاراۋانلىقى تەلىپىگە تولۇق ماس كېلىدىغانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 2019-يىلى بېلگىيەنىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى ۋاللونىيە ۋە شىمالىي رايونىدىكى فىلاندېرستا ھايۋانلارنى قوغداش ۋە پاراۋانلىق توغرىسىدىكى يېڭى قانۇن يولغا قويۇلغان. بۇ قانۇن ئىسلام شەرىئىتى ۋە يەھۇدىيلارنىڭ قائىدىسى بويىچە مال بوغۇزلاشنى چەكلىگەن. مەزكۇر قانۇندا قاسساپلاردىن ھايۋانلارنى بوغۇزلاشتىن بۇرۇن توك بىلەن سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن بوغۇزلاش تەلەپ قىلىنغان.

مۇسۇلمان ۋە يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە قارشى چىقىپ، شەرئىي ئۇسۇلدا بوغۇزلاشنى چەكلەشنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە قارشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان، شۇنداقلا ئىككىلا دىننىڭ بوغۇزلاش جەريانىدا ھايۋاننىڭ ساغلام بولۇشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، بوغۇزلىغاندا قاننىڭ ئېقىتىلىشى كېرەكلىكىنى، توك بىلەن سوقۇپ ئۆلتۈرۈش ياكى ناركوز دورىلىرىنى ئىشلىتىشنىڭ شەرىئەت بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 3584 قېتىم كۆرۈلدى
04/10/2021 16:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق