قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە مىللىي بىرلىك شۇراسى تۈرلۈك تېمىلار بويىچە داۋاملاشماقتا

بوسنىيەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ يىللىق شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە مىللىي بىرلىك شۇراسى مۇتەخەسسىسلەر ۋە تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ تۈرلۈك تېمىلاردىكى لېكسىيەلىرى ۋە مۇھاكىمىلەر ئاساسىدا داۋاملاشماقتا.

9-ئۆكتەبىر 13-نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» ۋە 4-نۆۋەتلىك «مىللىي بىرلىك شۇراسى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، چۈشتىن كېيىن ئالدى بىلەن دوكتور يەھيا مۇھاسىروف «بوسنىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇش سېلىشتۇرۇلمىسى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ بوشناق مىللىتىنىڭ تارىخىنى ۋە بوسنىيە مۇستەقىللىق كۈرىشىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەندىن سىرت، يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان خىتاينىڭ بوسنىيەدىكى تەشۋىقاتىنىڭ كۈچىيىپ قالغانلىقى، شۇڭا خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىشقا تېخىمۇ كۈچەش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم «ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيادا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ نۆۋەتتە دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق ھالەتكە ئۆتكەنلىكىنى، خىتاينىڭ كۈچىيىشى بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا زىيانلىق بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن كۈچىيىشتىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن بىر پۇرسەت ياراتقانلىقىنى، تارىختىن بېرى تەستە كەلگەن بۇ پۇرسەتنى چوقۇم چىڭ تۇتۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە يەنە مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن-سىياسەتلىرى ئاساسىدا داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى، تەشكىلاتلارنى مۇئەسسەلەشتۈرۈش، سىياسىيونلارنى مۇتەخەسسىسلەشتۈرۈش ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقىنى، بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تۈرك دۇنياسىنىڭ، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەكلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى.

ئارقىدىن ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقاتچىسى نىجات تۇرغۇن ئەپەندى «غەربنىڭ خىتاي سىياسىتى - پۇرسەتلەر ۋە تەھدىتلەر» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلەپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، ئەمما ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا بولغان مەيدانىنىڭ پەرقلىنىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا خىتاينى ئىستراتېگىيەلىك رەقىب دەپ قارىسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ سودا شېرىكى، رىقابەتچى ۋە تەھدىت دېگەن بىر نەچچە نۇقتىدىن قارايدىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشكە قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئارقىدىن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم سۆز قىلىپ، خىتاينى بۇ ھالەتكە ئەكەلگەن دۆلەتنىڭ ئامېرىكا ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ كۈتكىنىدەك چىقمىغانلىقىنى، ئەكسىچە غەرب دۇنياسىغا تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك ئامېرىكىنىڭ خىتاي سىياسىتىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى، نۆۋەتتە ئامېرىكىدىكى پارتىيەلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ۋە خىتاينىڭ ئەڭ زور تەھدىت ئىكەنلىكىدە بىردەك ئورتاق پىكىردە ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ يېڭى خىتاي سىياسىتىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى.

يىغىن جەريانىدا لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەر بىلەن يىغىن قاتناشقۇچىلىرى يەنە سوئال-جاۋاب تەرىقىسىدە تۈرلۈك مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى.

بۈگۈن يىغىن ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويغان بولۇپ، قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى ۋە قېرىنداشلىق،ھەمكارلىق ھەققىدىكى قىسقا فىلىم قويۇلدى.

باشتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش تەپتىشى ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندى «شەرق ئەللىرىنىڭ خىتاي سىياسىتى - پۇرسەتلەر ۋە تەھدىتلەر» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، نۆۋەتتە شەرق ئەللىرىدە خىتاينىڭ تەسىر كۈچىنىڭ ئىنتايىن زور ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن كونترول قىلىپلا قالماي، بۇ دۆلەتلەردىكى يالغان تەشۋىقاتىنىمۇ ئالاھىدە كۈچەيتكەنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك مۇسۇلمان ئەللىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇلارغا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇتۇش كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىزى سۆز قىلىپ، نۆۋەتتە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ چوڭ دۆلەتلەرگە بېقىندى ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇشتا ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تونۇتۇشتا پاراسەت بىلەن ئىش كۆرۈش كېرەكلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى 57 ئىسلام دۆلىتىگە شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار دوكلات سۇنۇپ، ئەلچىلەر بىلەن ئالاقە قۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ ھەقتىكى مەسئۇلىيەتنى داۋاملىق ئۈنۈملۈك دەرىجىدە ئادا قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇر ئەپەندى «ئەرەب دۇنياسىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى» دېگەن تېمىدا توختالدى. ئۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەرنىڭ كۈنىمىزدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەسىرى ئاستىدا سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانى ئارقىلىق بۇ دۆلەتلەرگە كۆز تىككەنلىكىنى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ بۇ دۆلەتلەردە يۈكسىلىشىنى توسۇش ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى، ئەرەب دۇنياسىدا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار مەلۇماتلار ۋە ئىلمىي ئەمگەكلەرنىڭ ئىنتايىن يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى، بۇ بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى.

بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىنمۇ ئوخشاشلا لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەر بىلەن يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سوئال-جاۋابلار بىلەن داۋاملاشتى. بوسىنىيەدىكى بىر قىسىم تەشكىلات رەھبەرلىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بالقان دۆلەتلىرىگە تونۇتۇش ئۈچۈن، بۇ ھەقتىكى ماتېرىيال، دوكلاتلارنى بالقان دۆلەتلىرىنىڭ تىلىدىمۇ تەييارلاش كېرەكلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭغا ھەرۋاقىت ھەمدەمدە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بوسنىيەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە مىللىي بىرلىك شۇراسى يەنە تۈركىيە ۋە بوسنىيەنىڭ بىر قىسىم تاراتقۇلىرىدا خەۋەر قىلىندى. 

بۇ خەۋەر 1085 قېتىم كۆرۈلدى
10/10/2021 22:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق