كونيادا شەرقىي تۈركىستان ياش-ئۆسمۈرلەر مەركىزى قۇرۇلدى

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان ۋىلايەتلەرنىڭ بىرى بولغان كونيادا شەرقىي تۈركىستان ياش-ئۆسمۈرلەر مەركىزى رەسمىي قۇرۇلغان بولۇپ، 17-ئۆكتەبىر ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

شەرقىي تۈركىستان ياش-ئۆسمۈرلەر مەركىزى سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى كونيا شۆبىسىنىڭ مەسئۇللۇقىدا قۇرۇلغان بولۇپ، مەركەزنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا سۇتۇق بۇغراخان ۋەقفى كونيا شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئەپەندى، ئىفام كونيا شۆبىسىدىن داڭلىق دەۋەتچى ھەسەن بەسرى بالجى ئەپەندى، كونيا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار مۇنبىرى رەئىسى ئۆندەر قۇتلۇ ئەپەندى قاتارلىقلاردىن سىرت، كونيادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى رەئىسى دوكتور ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار، مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىزى،  قەھرىمانماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا قاتارلىقلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، مەركەزنىڭ قۇرۇلۇشىغا ھەمدەمدە بولغان تۈركىيە خەلقى ۋە تەشكىلاتلىرىغا رەھمەت ئېيتتى ۋە مەزكۇر مەركەزنىڭ مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆندەر قۇتلۇ ئەپەندىمۇ سۆز قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى بۇ مەركەز ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى ئاڭلىتالايدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭمۇ بۇ ھەقتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا ھەرۋاقىت تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كونيا شەرقىي تۈركىستان ياش-ئۆسمۈرلەر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى، سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى دوكتورانتى ئابدۇرېھىم دۆلەت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەركەزنىڭ ئاساسىي فۇنكسىيەسىنىڭ مائارىپ ئىكەنلىكىنى، بۇ، مەكتەپلەردىكى پەننىي دەرسلەرنى كۈچەيتىش، كىتاب ئوقۇتۇش، شۇنداقلا ئانا تىل، ئەدەبىيات، تارىخ، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئوقۇتۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا ئوقۇغۇچىلارغا دىنىي دەرسلەر ۋە قۇرئان كەرىم دەرسلىرىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر مەركەزدە يەنە كونيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن مائارىپ ھەققىدە قەرەللىك لېكسىيەلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

بۇ خەۋەر 1094 قېتىم كۆرۈلدى
18/10/2021 14:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق